ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-08-18
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى تۈركىيىنىڭ قىرىققەلئە شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
2014-08-15
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يەكەندىكى ۋەقەدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىم قاتمۇ - قات ئارتماقتا. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە شەھەر، ناھىيە، بازار، يېزىلىرىدا بىردەك «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» تەشۋىقات، لېكسىيە، دوكلات يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلماقتا، ياشلارغا ئايرىم، ئاياللارغا ئايرىم ھەتتا «ئانىلار قۇرۇلۇشى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئانىلىرىغىمۇ ئايرىم ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش لېكسىيىلىرى بېرىلمەكتە.
2014-08-14
بېيجىڭدىكى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە سانجى ئىش بېجىرىش ئورنى بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلىۋاتقان ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى سولايدىغان مەخسۇس قەپەس تەسىس قىلغان.
2014-08-14
گۈزەلنۇر خانىم ۋە ئادۋوكات لى فاڭپىڭ، سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى سوت مەھكىمىسىدىن ئىلھام توختى ئەيىبلەنگەن ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە تېلېفون ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئاغزاكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-08-14
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ۋە ناملاردىكى باستۇرۇشلىرى ۋە مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر باشلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان دەۋاسىنى ماس ھالدا كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولماقتا.
2014-08-14
مەركىزى توكيودىكى ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 22 ياشلىق ئابابەكرى رەھىمنى 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا يالغان ئۇچۇر تارقاتتى، دەپ ئەيىبلەپ، قولغا ئالغانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما ئىشلىگەن.
2014-08-12
12-ئاۋغۇست كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار كامبىرا شەھىرىگە جەم بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇش، كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە شۇنداقلا ئادالەتسىز سوت ھۆكۈملىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
2014-08-11
فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار 9-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا يەكەندە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن.
2014-08-11
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى جىددىي ھالدا تەشكىللەش ئېلىپ بېرىپ، 8-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى پايتەخت ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى.
2014-08-11
8-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرىغا تۈركىيە توبب تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى.
2014-08-11
شىۋېتسىيەدىكى 3-چوڭ پارتىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋالتېر ئەپەندى بايانات بېرىپ، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىلىشكە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يول قويۇشىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختىشىشىنى تەلەپ قىلىپ قىلغان.
2014-08-10
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر پىدائىيلارنى قورشاپ تۇتۇش ياكى يوقىتىش داۋامىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەجبۇرى ھالدا ھەرىكەتكە قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنى قالقان سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
2014-08-08
ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدا ئۆتكەن ئاينىڭ 9-كۈنى 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنلىرىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، قېچىپ يۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان پىدائىيلاردىن سۇلايمان توختى بىلەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم خىتايپەرەست مەھەللە باشلىقى تۇرسۇن ئەمەتنى چاناپ ئۆلتۈرگەن.
2014-08-08
غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق باستۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ۋەزىيەتنىڭ بارغانچە كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
2014-08-08
خىتاي ھۆكۈمىتى 7-ئاۋغۇست تارقاتقان خەۋەرلەر ئارقىلىق، خەلقئارادا كەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئىككى ئۇچۇر ئېپىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ قامالغا ئېلىشى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى.