ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-08-08
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 28 - ئىيۇلدىن بېرى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئامى ھەمدە تۇتقۇن قىلىش زوراۋانلىقلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكىگە ئوخشاشلا قاتتىق چۆچۈتتى ۋە غەزەپلەندۈردى.
2014-08-07
گوللاندىيەنىڭ ئوتىرېخت شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار 3-ئاۋغۇست كۈنى پېشىن نامىزىدىن كېيىن، ۋەتىنىدە شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ غايىۋانە مېيىت نامىزىنى چۈشۈردى.
2014-08-06
خىتاي مەتبۇئاتلىرى 1-ئاۋغۇست كۈنى قاراقاشنىڭ پۇچاقچى يېزىسىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 9 گۇماندارنى تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈشتە، ئاھالىلەردىن 30 مىڭ كىشىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
2014-08-05
27-ماي ۋەقەسىنىڭ باش گۇماندارى ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم شۇ كۈنى ئۆي تەكشۈرۈپ كەلگەن ئىككى نەپەر ساقچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ قېچىپ كەتكەن؛ نەق مەيدانغا ياردەمگە كەلگەن ساقچىلار ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىمنىڭ دادىسى ئابدۇكېرىم توختىنىيازنى ئېتىپ تاشلىغان.
2014-08-05
يېقىندا «سىنا» تورىدا بىر خىتاي ساقچى باشلىقىنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ بىرىنچى سېپىدىكى بىر ساقچى باشلىقىنىڭ تەسىراتى» ناملىق باياناتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتايدىكى ئاممىۋى تور بەتلىرىدە كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.
2014-08-04
ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا يەكەن ۋە باشقا جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش نامىدا كۆپلىگەن بىگۇناھ خەلقنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
2014-08-04
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 28- ۋە 29-كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىكى بىرنەچچە يېزىلىرىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا زوراۋانلىق ۋە قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇ ھەم غەزەپكە تولدۇردى.
2014-08-04
يەرلىك ئۇچۇر مەنبەئەلىرىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى روزا ھېيت ھارپىسىدا ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسى تاشئېرىق يېزىسىغا قاراشلىق يېڭىئاۋات كەنتى بىلەن، يۇلتۇزباغ يېزىسىغا قاراشلىق غولئېرىق كەنتلىرىدە، ئىككى ئائىلىگە قوراللىق باسقۇن ئېلىپ بارغان.
2014-08-04
3-ئاۋغۇست ياپونىيەنىڭ قەدىمكى پايتەختى كيوتو شەھىرىدىكى مەدەنىيەت سارىيىنىڭ زالىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىگە دائىر دوكلات سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
2014-08-01
ئېلىشقۇنىڭ 14-، 15-ۋە 16-كەنتلىرىدە 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قىرىۋېتىلگەن. تۈنۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يوللانغان بىر نامسىز مۇراجىئەتنامىدىمۇ، مەزكۇر 3 كەنتتە قەتلىئام يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنىپ، خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم سورالغان.
2014-08-01
30 - ئىيۇل بامدات نامىزىدىن كېيىن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر ھېيتگاھ مەيدانىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىن، جۈمە تاھىر ھەققىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئوخشىمىغان باھالار بېرىلدى.
2014-08-01
بۇ يىللىق روزا ھېيت مەزگىلىدە قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇرنى قىرغىن قىلغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە توختالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مەزكۇر ۋەقەلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسەتلىرى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-08-01
«جاپان تايمېس گېزىتى» يەكەن ھەققىدىكى خەۋەرىدە: «خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئانا يۇرتى بولغان شىنجاڭدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى توقۇنۇشنى ‹تېررورلۇق ھۇجۇم› دەپ ئېلان قىلدى. چەتئەلدىكى سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ يۈزگە يېقىنلىقىنى بىلدۈردى» دەپ بىلدۈردى.