«قەشقەرگە قايتىش» : قاچقۇن شائىرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى (2)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019.03.01
Tahir-Hamut-01.JPG ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىر تاھىر ھامۇت ئەپەندىم.
RFA/Jume

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئۆز ئىجادىيىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇيغۇلىرى بىلەن مىللەتنىڭ كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئېڭى ئارىسىدا قەلەم تەۋرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۆھبەت تېمىسى ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئازاب چېكىۋاتقان كەسىپداش دوستلىرىغا يۆتكەلگىنىدە شائىرنىڭ ئاۋازى بوغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئۇنداقتا، تاھىر ھامۇت ئۆز ئىجادىيىتى ۋە دوستلىرى ھەققىدە يەنە نېمىلەرنى ئېيتىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىغا قىزىقسىڭىز سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىغا قۇلاق بەرگەيسىز.

ئالدى بىلەن تاھىر ھامۇتنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتىمىز. شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇت 1969-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1986-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان. 1992-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ھازىرغىچە ئىككى يۈز پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى، تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە ماقالىلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.

ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان تاھىر ھامۇت ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئانا يۇرتىنى تېرىك ئېتىپ مۇساپىرلىق يولىنى تاللىغان. 

2017-يىلى كۈزىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا كېلىپ پاناھلانغان تاھىر ھامۇت، ئۆز ئىجادىيىتى داۋام داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.


قەشقەرگە قايتىش 


قەشقەرنىڭ سىرلىق ۋە ناتونۇش تۇرقىغا قاراپ

ئۇلۇغۋار ئاخشاملارنىڭ ۋەھىمىسىدىن تېنىم شۈركۈنەر.

توي قىلغان قىزلار، بۆلۈنۈپ كەتكەن دوستلار، قۇرغاق باھار. 

زېمىندىن يوقالغان بىر چىمدىم توپا كۆز دېگەن:

تېلېۋىزور، موخوركا، كىر پايپاق، تەرجىمە ئارگىنالى.

كۆك كۆۋرۈك ۋە كۆكتات بازىرى خىرە ئېسىمدە،

سۆڭەكسىز مەخلۇقتەك ياتتىم سوزۇلۇپ،

قورسىقىم ئاچ، چىرايىم قارا، قەلبىم قۇپقۇرۇق!

لېكىن، يىراق ئۈرۈمچىدە مۇزدەك تاشنى چاينايدۇ بىرى، 

كۆزى، يۈزى نەم؛ ئالدىدا گۇناھ، ئارقىدا خۇدا.

قەنت سالغان ئۇماچتىن سۈزۈك ھور چىقار،

توك سىمىدا ئاستا دەسسەپ قۇچقاچلار يۈرەر،

پاكار ئاسماندا مۇدھىش ئېغىرلىق،

مىسكىن قېرىلار، ئالجىغان ياشلار، ھېرىسمەن بالىلار،

ئۈچ يىلدىلا ھەممىسى قېرىپ سەتلىشىپ كەتتى.

قەشقەر-قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى دەقىقە،

قۇياش يۈزىگە چاپلانغان قەغەز، مەڭگۈلۈك قارا سىياھ،

كونىرىغان، شەلۋەرىگەن يارا، بىچارە مۇھەببەت.

بىراق، سىز

شامالنى پوملاپ ئاسمانغا ئېتىپ، 

ئاندىن ماڭا قاراپ قويدىڭىز،

خىيالىمىزدا تەڭگىدەك تۆشۈكتىن يامغۇر تامچىلار.


1998-يىل مارت، قەشقەر

«دېڭىز قولتۇقى قىرغىقى» (Gulfcoast) ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 24-سان 131-بەت

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.