ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى: «ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.06.22
tayland-uyghur-xitaygha-yotkesh-2.jpg 109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 9-ئىيۇل.
CCTV

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» 20-ئىيۇن كۈنى «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا تايلاند دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى بىخەتەر بولغان ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە جايلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

خىتاي چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە قېچىپ چىققان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە قولغا ئېلىنىشى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا يەر ئالغىلى خېلى بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى يىلدىن بۇيان تايلاند دائىرىلىرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 70 نەچچە كىشىلىك ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، بۇ ئۇيغۇرلار تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىل مەھبۇس ھالىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلان قىلغىلى 20 كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلىرىنى رەت قىلغانلىقى مەلۇم.

ب د ت ھەر يىلى 20-ئىيۇننى «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» دەپ جاكارلىغان بولۇپ، ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا تېخىچە بىرەر چوڭ ئۆزگىرىش بولمايۋاتقان ئەھۋالدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر باياناتتا، بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ دۇنياغا ئورتاق بولغان ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى بويىچە قوغدىلىشى ئەڭ ئەقەللىي مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشتەك بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھەرقانداق قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خېنرىي شاجافىسكى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق خەلقئارا قانۇندا زورلۇق بىلەن قايتۇرۇلۇشىغا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مۇساپىرلارغا دائىر خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر ياكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىدىغان بولساق، خەلقئارا قانۇننىڭ 33-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ، ئىرقى، دىنى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەسلى دۆلىتىگە قايتۇرۇلسا ھەرخىل قىيناقلارغا ھەمدە ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇساپىرلارنى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ قايتۇرۇشىغا بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ھالبۇكى، تايلاند بۇ خەلقئارا ئەھدىنامىگە ئىمزا قويمىغان. لېكىن، 2007-يىلى تايلاند ‹قىيناققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› غا ئىمزا قويغان. بۇ قانۇندا ئەسلى دۆلىتىگە قايتۇرۇلسا قىيناققا ياكى تەھدىتكە دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان مۇساپىرلارنى قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ماددىلار بار.»

تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى سەۋەبىدىن بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىلەن بىرنەچچە قېتىم بىۋاسىتە سۆھبەتلەردە بولغان ئابدۇقادىر تۇمتۈرك ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تايلاندتىكى 70 نەچچە ئۇيغۇر مۇساپىرغا ئالاقىدار مەسىلىنىڭ ھازىر جىددىي كۈنتەرتىپكە كېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇقادىر تۇمتۈرك تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئالدى‏-كەينىدە ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ھەرقايسى مەملىكەتلەر ئارىسىدا كۆپ قاتنىغانلىقىنى، مۇشۇ جەرياندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تايلاند دائىرىلىرىنى ئىقتىسادىي ياردەم ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزىگە قارىتىش ئۇرۇنۇشىدا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇشۇ خىلدىكى «ئىقتىسادىي ياردەم»نى يەمچۈك قىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە قارىماستىن 109 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن خېنرى شاجافىسكى ھازىرقى ۋاقىتتا ئاچلىق ئېلان قىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان 70 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرگە مۇپتىلا بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە بىرنەچچە نۇقتا بار. بىرىنچى، ئەگەر خىتاي بۇ ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرا شەرقتىكى ‹ئىسلام دۆلىتى› ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا قوشۇلۇپ سۈرىيەدە جەڭ قىلىش مەقسىتىدە خىتايدىن قاچقان، دەيدىكەن ئۇ ھالدا بىز خىتايدىن بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىمىز. ئىلگىرىمۇ تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق ‹جىنايەتلەر› بىلەن ئەيىبلەنگەن. شۇ چاغدىمۇ خىتاي ھېچقانداق ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن ئىدى. ئىككىنچى، بۇ كىشىلەر ناۋادا خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنى قانداق تەقدىرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا خىتايلارغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلەر ئۇچرىغان يامان ئاقىۋەتلەردىن پەرق قىلماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى يۈز كىشى تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى، ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولغانلىقى ھەققىدە بىز ئاساسەن ھېچنەرسە بىلمەيمىز. يىللارچە ئىلگىرى كامبودژادىن ۋە مالايشىيادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى تۈرمىگە ئېلىندى. بۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىمۇ ئوخشاشلا نامەلۇم. خىتايدا بىر ئىنساننىڭ ئەھۋالىنىڭ نامەلۇم بولغانلىقى كۆپىنچە شۇملۇقتىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ياكى ئامانلىقىغا كېپىللىك قىلالمايمىز.»

باياناتتا تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تاشقى دۇنياغا يوللىغان مەكتۇپىدا يېزىلغان «بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلگىنىمىز، خىتايغا قايتۇرۇلۇپ ھەپسىدە ياكى قىيناقتا ئۆلگەندىن ياخشىراق، چۈنكى ئىلگىرى قايتۇرۇپ بېرىلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن بەش قولدەك خەۋىرىمىز بار» دېگەن قۇرلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خەلقئارا دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشى لازىملىقى ئەسكەرتىلگەن. خېنرىي شاجافىسكى مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق مەزگىلدە بۇ مەسىلىنى قانداق قىلغاندا خەلقئارانىڭ دىققىتىگە سۇنۇشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىملىرىغا قەتئىي باش ئەگمەسلىكىمىز لازىم. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ئاماللارنى قىلىپ بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشنىڭ چوتىنى سوقۇۋاتىدۇ. بۇ خەلقئارالىق تەرتىپكىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. خەلقئارالىق تەرتىپ بويىچە بولغاندا بۇنداق ئىشلار ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز-ئارا ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى لازىم. بىزنىڭ يادىمىزدا بولۇشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، خىتاينىڭ ئاشۇ خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچىمىدىن خەۋەردار بولۇش ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىش مەجبۇرىيىتى بار. ب د ت نىڭ مۇساپىرلارنى قوغداش ھەققىدە ئىنتايىن كۈچلۈك ۋەدىلىرى بار. ب د ت غا ئەزا بولغان خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى مۇساپىرلارغا دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بولۇشى كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، 25-ئاپرېل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر مۇساپىرلار يىغىنى» دا خىتاينىڭ ئۆزى ئىمزا قويغان خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشى كۈچلۈك تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى قانۇنسىز قىلمىشىنىڭ ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ھەر ساھە كىشىلىرىنى بىئارام قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.