تايلاند مۇساپىرلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە قالغان 5 ئۇيغۇرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بەك ئېغىر

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.11.22
tayland-musapir-uyghur-1.jpg تايلاند مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار. 2015-يىلى يانۋار.
Oqurmen teminligen

تايلاند دائىرىلىرى 20‏-نويابىر تايلاندنىڭ مالايشىيا چېگراسىدىكى ساداۋ مۇساپىرلار مەركىزىنىڭ تېمىنى تېشىپ قاچقان 20 ئۇيغۇرنىڭ 15 نەپىرىنىڭ مالايشىيا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قاچقۇنلارنىڭ 5 نەپىرى تايلاند ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان. ئەمما ئۇلار بىلەن تەڭ قاچقان قالغان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى مالايشىيا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن.

تايلاند ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ قاچقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچرىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ سەيشەنبە كۈنى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ مۇساپىرلارنى تېزرەك تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىراق، تايلاند ساقچى تەرەپ قاچقۇنلار تۇتۇلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى ھېچيەرگە قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تايلاند ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى كرىسسانا پاتاناچاروئېن: «بىز ئۇلار قېچىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئىجرا قىلىپ كەلگەندەك ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ، ئۇلارنى ھېچيەرگە ئەۋەتمەيمىز» دېگەن. 

بىراق، ساقچى تەرەپ تۇتقۇنلارنى قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق مەيلى قېچىپ تۇتۇلۇپ قالغان 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى بولسۇن، مەيلى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە قېلىپ قالغان 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى بولسۇن، ئۇلار ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىدى. 

ھالبۇكى، تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە يېقىن ئالاقىدە بولۇپ كېلىۋاتقان تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە قېلىپ قالغان 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بەك ئېغىر ئىكەن. تايلاندلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، «تايلاند خەلقلەرنى ھوقۇقلاندۇرۇش» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى شالىدا تاجاروئېنسۇك چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، بۇ 5 ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ «ئېغىر كېسەل» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قېلىپ قالغان بۇ 5 كىشىنىڭ يېشى بىر ئاز چوڭراق بولۇپ، ئۇلار كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار. ئۇلار ئېغىر كېسەل بولغاچقا ئۇ 20 كىشى بىلەن تەڭ قاچالمىغان. ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بەك ئېغىر. ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك يەيدىغان تامىقى ناچار. ئۇلار ناچار تاماق، ناچار شارائىت ئۇلارنى تۈگەشتۈرۈۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بىرسىنى راك كېسىلىكەن، دەپ ئاڭلىدىم. بىز بۇ ئۇچۇرنى كۈندە ئۇ يەرگە كىرىپ تۇرىدىغان بىرسىدىن ئاڭلىدۇق. ئۇ ھەر كۈنى بۇ يەرگە نەرسە يەتكۈزىدىغان بىرى. بۇ ئۇچۇرنى ئۇنىڭغا تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ بىر ئوفىتسېرى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇلار ھەقىقەتەن تاشقىرىغا چىقىپ ياخشى داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق. ئۇلار ئۆلسىمۇ تۈرمىدە ئەمەس تاشقىرىدا ئۆلۈشى كېرەك».

شالىدا تاجاروئېنسۇكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تەشكىلاتى ئۇلارغا كېپىل بولۇپ تاشقىرىدا داۋالىتىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىغا جاۋاب بەرمىگەن. 

شالىدا تاجاروئېنسۇك ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق داۋالىنىشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ياق، ئۇلارنىڭ داۋالىنىشىغا يول قويۇلمىدى. ھېچكىم داۋالاشقا ئېرىشەلمىدى. مانا بىر مەسىلە، بۇ بىزنىڭ تەشكىلاتىمىزنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىمىزدىكى سەۋەب. ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەتتىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى. بىزنىڭ پىلانىمىز ئۇلارنى قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ داۋالاش. مېنىڭچە ھۆكۈمەتمۇ بۇنى ئويلىشىۋاتىدۇ. چۈنكى بىز ئۇلارغا دېدۇق، ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ 5 ئۇيغۇرنى بىزگە كېپىللىككە بەرسە، بۇ مەسىلە ھەل بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسى يېپىلىدۇ. بىراق، تايلاند بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ قاتتى بېسىمىغا ئۇچراۋاتىدۇ» دېدى. 

مالايشىياغا قېچىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى ئېلىنمىغان. مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋە قاچقۇنلارنى ئىزدەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق تېخى ئىز-دېرىكى تېپىلمىغان. مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەخمەت زاھىت ھامىدى چارشەنبە كۈنى مالايشىيا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئۇلارنىڭ داۋاملىق قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بۇ مەسىلىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ساقچى تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتىمىز» دېگەن. 

تايلاند مۇساپىرلار مەركىزىدىكى ئۇيغۇر بىمارلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە قېچىپ يۈرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. چارشەنبە كۈنى د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق نىڭ ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن مۇساپىرلار مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق قۇتقۇزۇشنى سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ: «بىرىنچى، بىز 5 ئادەم مەسىلىسىدە سۆزلىشىۋاتىمىز. ئۇلارغا كېپىل بولۇپ بېقىپ بېرىدىغانلارغا 1500 دوللاردىن بەرسەڭلار بىز بېقىپ بېرەيلى، بىز قارايلى، دېگەن گەپلەرنى دېدى. بىزمۇ بۇنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي كومىتېتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى دېگەندەك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا خەۋەر قىلدۇق. بۇنى قۇتۇلدۇرۇش توغرۇلۇق ئادەملەرنى بىز ھازىر ھەم 5 ئادەم مەسىلىسىدە ھەم مالايشىياغا قاچقانلارنى قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىدە تايلاند ۋە مالايشىياغا ئىزدىنىشكە ئەۋەتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئەمدى مالايشىياغا قاچقان 20 ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇش پۈتۈن دۇنيادىكى تەشكىلاتلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى» دېدى. 

رابىيە قادىر خانىم يەنە، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى تايلاند ياكى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى، غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر: «دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانپەرۋەر تەشكىلاتلارنىڭ، شۇنىڭدەك ياۋروپادىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ 20 ئادەمنى قوينىغا ئېلىپ، سىياسىي پاناھلىق بېرىشىنى، ب د ت ۋە قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئۇلارغا جىددىي ياردەم بېرىشكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن بۇ 20 ئادەم بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن يەنە بىر قانچە تۈرمىدە 41-42 ئادەم بار، مۇشۇلارنىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن گەپلىشىپ، قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى، دېموكراتىك دۆلەتلەردىن پاناھلىق ئېلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

لېكىن، شالىدا تاجاروئېنسۇك، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل قارار چىقىرىش-چىقىرالماسلىقىغا باغلىق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تايلاند ھۆكۈمىتى ئىنسانپەرۋەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ كىشىلەرنى ماڭا كېپىللىككە بېرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ خىتاينى قايىل قىلىشى كېرەك. ھازىر پۈتۈن دۇنيا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە قانداق قارار چىقىرىدىغانلىقىغا قاراپ تۇرىدۇ. ئۇ بۇ مەسىلىدە مۇستەقىل قارار چىقىرالامدۇ-چىقىرالمامدۇ؟ چۈنكى، تايلاند خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلار بۈگۈن پۈتۈن ئەتىگەن يىغىن ئاچتى. مەن بۈگۈن ئۇلارغا نەچچە قېتىم تېلېفون قىلسام يىغىندا، يىغىندا دەپلا جاۋاب بەردى». 

تايلاند ھۆكۈمىتى 2013‏، 2014‏-يىللىرىدىن بۇيان خىتاينىڭ بېسىمىدىن قاچقان نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنىڭ باڭكوك، سوڭكلا قاتارلىق جايلىرىدىكى مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە قامىغان. ئۇ، 2015‏-يىلى مۇساپىرلارنىڭ بالىلار ۋە ئاياللارنى ئاساس قىلغان بىر قىسمىنى تۈركىيەگە يولغا سالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەركەكلەرنى ئاساس قىلغان ئاز دېگەندە 109 نەپەر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى، بەزى غەرب دۆلەتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بۇ قېتىم تايلاندنىڭ ساداۋ چېگرا بازىرىدىكى مۇساپىرلار مەركىزىدىن قاچقان ئۇيغۇرلار شۇلاردىن قېلىپ قالغان ئاخىرقى تۈركۈمدىكى مۇساپىرلار ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.