ئوخشاش داۋادا خىتاي ئەرزدار تۆلەمگە ئېرىشكەن، ئۇيغۇر ئەرزدار جاۋابسىز قالدۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.07.11
tayir-abduraxman-erzdar-ish-ustide-yarlanghan.png ئىش ئۈستىدە يارلانغان ۋە ئەرز جەريانىدا ۋاپات بولغان تايىر ئابدۇراخمان
RFA


2012 - يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىككى ئەرزدار بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

ئەرز خېتى
ئەرز خېتى

بۇ ئىككەيلەننىڭ بىرى ئۇيغۇر، يەنە بىرى خىتاي. ھەر ئىككى ئەرزدار خىزمەت ئۈستىدە يارىلانغان دادىسى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي ئەرزدارنىڭ دادىسى ئاقتۇ ناھىيىسىدە 70 - يىللاردا 12 يىل تاشيول ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ دادىسى تاھىر ئابدۇراخمان بولسا، ئۈستۈن ئاتۇشتا 8 يىل تاشيول ئىشچىسى،15 يىل سۇ ئىشلىرى تېخنىكى بولۇپ ئىشلىگەن.
مەركىزىي خوجىلىق ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇ ئەرزنى يەرلىككە ئىتتىرىپ يازغان ھۆكۈمى
مەركىزىي خوجىلىق ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇ ئەرزنى يەرلىككە ئىتتىرىپ يازغان ھۆكۈمى

خىتاي ئەرزدار بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپ 1 مىليون 700 مىڭ يۈەن پۇل ۋە ئۆي زېمىنغا ئىگە بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئەرزدار دادىسى زەخىملەنگەن 2005 - يىلدىن تا بۈگۈنگىچە ھېچقانداق تۆلەمگە ئېرىشەلمەيدۇ.

تۆۋەندە بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.