قاراقاش ساقچى خادىمى: «تەربىيىلەش مەركىزىدە 50 ‏-70 كۋادرات مېتىرلىق ياتاقتا 70 كىشى ياتىدۇ»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.06.15
yepiq-terbiyelesh-korla-turme.jpg ئىككى نەپەر خىتاي ساقچىسىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئالدىدا تۇرغان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 2-نويابىر، كورلا.
AP Photo/Ng Han Guan

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇن خوتەندە لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە دۇبەيگە چىقىرىلغان ئوغلىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، گۇما ناھىيىسىدىكى ئوغلى ياتقان لاگېردا 60 كىشىنىڭ بىر ياتاقتا تۇرىدىغانلىقى، ياتاقنىڭ كىچىكلىكى سەۋەبىدىن تۇتقۇنلارنىڭ كۈن بويى ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى، ئولتۇرسا ياكى ياتسا، ياتاققا سىغمايدىغانلىقى، شۇڭا 60 كىشىنىڭ 15تىن نۆۋەت بىلەن ئۇلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ 14-ئىيۇن كۈنى قاراقاش چىنىباغ ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلىشى داۋامىدا ئوسمان تۇرسۇننىڭ بالىسىنىڭ دېگەنلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى دەلىللەندى. مەزكۇر ساقچى خادىمى، 50-70 كۋادرات مېتىرلىق بىر ياتاقتا ئاز دېگەندە 70 كىشىنىڭ بىللە ياتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز ئۆتكەن ھەپتىلەردە، خوتەندىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇننى جاسۇسلۇققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن گۇمادا يىغىۋېلىش لاگېرىدا ياتقان ئوغلىنى قويۇپ بەرگەنلىكى ۋە دادىسى بىلەن كېلىشىش ئۈچۈن دۇبەيگە يولغا سالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوسمان تۇرسۇن ئوغلىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، گۇمادىكى بىر لاگېردا 60 كىشىنىڭ بىر ياتاقتا تۇرىدىغانلىقى، تەڭلا يېتىشقا مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن 15 تىن نۆۋەت بىلەن ئۇخلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. 

ئۇ يەنە ئوغلى ياتقان كامېردا تۇتقۇنلارنىڭ كۈن بويى سىرتقا چىقىرىلمايدىغانلىقى، ھەم يېمەك-ئىچمەك، ئۆگىنىش ۋە ئۇخلىشىنىڭمۇ مۇشۇ بىرلا ئورۇندا - كامېردا داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كامېردىكى قىستاڭچىلىق ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان سېسىقچىلىق سەۋەبىدىن، كامېردا ئېغىر دەرىجىدە تازىلىق مەسىلىسى كۆرۈلگەن، يەنى تۇتقۇنلارنىڭ ئىچ كىيىملىرىدە بۇزۇلۇش پەيدا بولغان. ئوسمان تۇرسۇن يەنە ئوغلىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، مەزكۇر كامېردا تۇتقۇنلارنىڭ كامېردىكى بىردىنبىر ھاۋاداندىن 5 مىنۇتتىن نۆۋەتلىشىپ نەپەس ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. 

قارىقاشنىڭ چىنىباغ ساقچى خادىمىنى تېلېفون زىيارىتى قىلىشىمىز داۋامىدا، ئوسمان تۇرسۇننىڭ ئوغلى مەمەت تۇرسۇننىڭ لاگېرلار ھەققىدە بەرگەن يۇقىرىقى مەلۇماتلىرىنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. چىنىباغ ساقچى خادىمى لاگېردا ئاز دېگەندە 70 كىشىنىڭ بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ۋە بىر ياتاقتا ياتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ياتاقلارنىڭ 50 كۋادرات مېتىر بىلەن 70 كۋادرات مېتىر ئارىسىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلىدى. 

كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، بىر ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلۇشى رېمونت قىلىش شىركىتىنىڭ ساھىبى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئادەتتە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ۋە قائىدە-نىزاملىرى بويىچە، كانادا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە 70 كۋادرات مېتىرلىق ئورۇندا 4 جانلىق بىر ئائىلىنىڭ تۇرالايدىغانلىقى، بۇنىڭدىن ئارتۇق كىشى تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، شۇڭا ئوسمان تۇرسۇننىڭ ئوغلى ئېيتقان ئاقىۋەتلەرنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە 70 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيگە 35 كارىۋات سىغدۇرغىنى بولمايدىغانلىقى، شۇڭا ساقچى خادىمىنىڭ لاگېردىكى ياتاقلارنى كارىۋاتلىق دەپ تەرىپلىشىنىڭ توغرا بولماسلىقى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.