ئۇيغۇر، موڭغۇللار توكيودا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى
2016.10.03
ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە نامايىشى، 1-ئۆكتەبىر توكيودا ئېلىپ بېرىلدى.
1-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 1:30 دە ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچى ياپونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلەر توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 67 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.
نامايىشقا ھەر قايسى مىللەتلەردىن كۆپلىگەن قوللىغۇچىلارمۇ قاتناشتى.
ئۆزىگە خاس مىللىيچە كىيىملەرنى كىيگەن ئۇيغۇر ۋە موڭغۇلار توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىشىپ خىتايغا قارشى جاراڭلىق ئاۋازدا تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشۈپ ئۆتتى.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىشقا ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل ئاكتىپلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، نامايىشتا ئالدى بىلەن جەنۇبىي موڭغۇلىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دايچىن سۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىدى.
نامايىشتا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم نۇتۇق سۆزلەپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى پاش قىلدى ۋە تەشكىلات نامىدىن باياننامە ئېلان قىلدى.
نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن ياپونىيەلىك ئۇداكا ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆز باشلاپ: «نامايىشقا موڭغۇل، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللاش يۈزىسىدىن قاتناشتىم. ناناميىش ناھايىتى ياخشى بولدى» دېدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن تاناكا نامايىش ھەققىدە سۆز قىلىپ: «نامايىشقا ئۇيغۇر،موڭغۇل،تىبەت مەسىلىلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن قاتناشتىم. ئەلۋەتتە، ھەممىمىزنىڭ تۈپ مەقسىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىش خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 67 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ بىرلەشمە نامايىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
نامايىش شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 1:30 دىن ئۈچ يېرىمغا قەدەر ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ياپونىيەدىكى ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن «ساكۇرا» تېلېۋىزىيەسى نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىپ تارقاتتى.
بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىشقا ياپونىيەنىڭ ئىباراكى، ناگويا، سەيتاما ۋە ئوساكا قاتارلىق شەھەرلەردىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋە موڭغۇلار قاتناشتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.