13 مىڭ نوپۇسلۇق بىر يېزىدىن 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.09.08
xoten-tutqun-partlash-qarshiliq.jpg ئۈرۈمچى، يەكەن قاتارلىق جايلاردا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 27-ماي، خوتەن.
Oqurmen teminligen

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يېڭىسارنىڭ 13 مىڭ نوپۇسلۇق توپۇلۇق يېزىسىدىنلا ئاز دېگەندە 2 مىڭ كىشىنىڭ قاماق ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. توپۇلۇق 2‏-كەنت سېكرېتارى ئۆز كەنتىدىن 354 كىشىنىڭ، 4‏-كەنت ساقچىسى بولسا ئۆز كەنتىدىن 400 چە كىشىنىڭ قاماق ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

بىرقانچە كۈندىن بېرى فەيسبوكتا تارقالغان ۋە ئۇيغۇر رايونىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ئۇچۇردا قەشقەر يېڭىساردا نۆۋەتتە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن 10 ۋە 15 يىللىقتىن كېسىلىپ كېتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

بىز يۇقىرىقى ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن يېڭىساردىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

توپۇلۇق يېزا 2‏-كەنت سېكرېتارىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر كەنتتىن ھازىرغا 305 كىشى تۈرمىگە تاشلانغان، 49 كىشى تەربىيىلەش مەركىزى نامىدىكى قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

خىتايچە «بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىسارنىڭ توپۇلۇق يېزىسى 6 كەنتتىن تەشكىللەنگەن، 13 مىڭ نوپۇسقا ئىگە.

4-كەنت ساقچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېزىدىكى 6 كەنت ئىچىدىكى 2‏- ۋە 4-كەنتتىن تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، 4-كەنتتىن جەمئىي 420 چە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان، باشقا كەنتلەردىنمۇ ئاز دېگەندە 200 دىن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

يەنە مۇشۇ كەنت ساقچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە يېڭىسار ناھىيىسىدە 5 ئورۇندا تەربىيىلەش مەركىزى بار بولۇپ، ئۇ يەردە توپلۇق يېزىسىدىن 2مىڭدىن ئارتۇق كىشى تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

يەنە ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر ئىلگىرى كېسىلىپ كەتكەنلەر ھېسابلىغاندا توپۇلۇقتا تۈرمە ۋە قاماقتىكىلەر سانى 4 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن.

13 مىڭ نوپۇسلۇق توپۇلۇق يېزىسىدىكى ھەر بىر كەنتتە ئوتتۇرىچە 2160 دىن كىشى، 400 ئەتراپىدا ئائىلە ياشايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا توپۇلۇق يېزىسىدا تۈرمە ۋە قاماقتا يېتىۋاتقانلار سانىنىڭ ھەر بىر ئائىلىگە بىردىن توغرا كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەشمەكتە.

يېڭىساردا بۇ يىلنىڭ بېشىدا پالتىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 3 كىشى ئۆلگەن 5 كىشى يارىلانغان. ۋەقە ناھىيىلىك دوختۇرخانا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. بەزى گۇۋاھچىلارنىڭ دېيىشىچە، ۋەقە سادىر قىلغۇچى مەمەت ئېلى يېڭىسارنىڭ سېتىل يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ ناۋايلىق قىلىۋاتقان ئۈرۈمچىدىن مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىنگەن ۋە كەنتتە نەزەربەند قىلىنغاندىن كېيىن، دائىرىلەردىن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە مەزكۇر ۋەقەنى سادىر قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە 2000 دىن ئارتۇق كىشى تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەن توپۇلۇق يېزىسىدا يېقىنقى يىللاردا ھېچقانداق بىر قانلىق ۋەقە ياكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.