د ئۇ ق باياناتچىسى: «خىتاي توردا ئىغۋا تارقاتتى دەپ قولغا ئالغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىشى كېرەك!»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.07.23
xelqaraliq-chong-bazar.jpg 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆتۈرۈلگەن قارشىلىقلار بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي كۆچمەنلىرى خەلقئارالىق چوڭ بازارغا كېلىپ ساياھەت قىلماقتا. 2013-يىلى 5-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىدىغان «شىنجاڭ سىياسىي قانۇن تورى» 23-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى، لۈكچۈن ۋەقەسى يۈز بېرىپ 28-ئىيۇندىن باشلاپ 15-ئىيۇلغىچە بولغان يېرىم ئاي ئىچىدە 199 كىشىنى توردا ئىغۋا تارقاتقانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىپ، 72 كىشىنى رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇنىڭغا قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغۇش، رايوندىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «ئىغۋا تارقاتتى» دەپ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلغانلارنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرىگە، پىكىر ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن دائىرىلەر دەرھال رايوننىڭ ئۇزۇن يوللۇق تېلېفونلىرىنى بىر مەزگىلگىچە تاقاپ قويدى، ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ يانفون، ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ دىن تارقاتقان، ئىغۋا توقۇپ ۋە ئىغۋا تارقىتىپ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىدىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرى ۋە ئۈندىدار، قق قاتارلىق ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قوللانغۇچىلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە تارقاتقان خەۋەرلىرىدە 28-ئىيۇندىن 15-ئىيۇلغىچە بولغان يېرىم ئاي ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك ج خ تارماقلىرىنىڭ ئىغۋا خاراكتېرلىك ئۇچۇردىن 802 نى بايقاپ، ئىغۋا تارقاتقۇچىدىن 199 نى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ئۇنىڭ ئىچىدە 72 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىمىدى،خەۋەرلەردە بۇ ھەقتە ج خ تارماقلىرىنىڭ دېلو ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، ئىغۋا تارقاتقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشسىزلار ۋە تېخى قورۇمىغا يەتمىگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلەيدىكەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن يانفون ھەمدە ئىنتېرنېتنى ئىغۋا تارقىتىش ۋاسىتىسى قىلغان، بەزىلىرى ئىغۋالارنى مەقسەتسىزلا تارقاتقان بولسىمۇ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك ۋەھىمە پەيدا قىلغان ئىكەن. بۇ خىل ئۇچۇرلار ئىنتايىن تېز ئارىدا كەڭ دائىرىدە تارقالغان. دائىرىلەر يەنە ئىغۋا ئويدۇرغان ۋە تارقاتقۇچىلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىغۋالارغا مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى، دۆلەتنى پارچىلاشنى، ھۆكۈمەتكە قارشى توپلىنىپ ھەرىكەت قىلىشنى، تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىدىغان ئىنكاسلارنى يازغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ج خ تارماقلىرى تارقاتقان بۇ ئۇچۇرغا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. 23-ئىيۇل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزدا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن ۋە رايوندىكى خەلق ئۆزىدىنمۇ يوشۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغماقتا دەپ ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىغۋا تارقاتتى» دېگەن باھانىدە قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدە تارقاتقان سانغىمۇ گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «خىتايدىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەقىقىي سانى، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە مىللەت ئايرىمىسىنى ئاشكارىلاشنى، قانۇنسىز قولغا ئالغانلارنى قويۇپ بېرىشنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز» دەپ جاكارلىدى.

دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مۇراجىئەت قىلىپ، گەرچە توردا ئىغۋا تارقاتقانلارنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش بىلەن تەڭ جەمئىيەت ئامانلىقى، كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا رىقابەت يارىتىۋاتقان يېڭى ئاخبارات ئۇچۇر تارقىتىش سۇپىسىنى قانۇنلۇق باشقۇرۇش ھۆكۈمەتلەرنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئورتاق تاللىشى. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر توردا ئېۋا تارقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، ئەمما خىتاي بولسا، پۇقرالارنى سۆز ئەركىنلىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغاندىن باشقا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىغۋا تارقاتقانلارنى جازالاش بەلگىلىمىلىرىنى يولغا قويۇپ بۇنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش،باستۇرۇش، ئۆزىگە قارشى پىكىردىكىلەرنى تەقىبلەش، پۇقرالارنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەش، سۆز ئەركىنلىكى، ئۇچۇردىن خۇسۇسىي پايدىلىنىش ھەق-ھوقۇقلىرىغا دەخلى تەرز قىلىدىغان ۋاسىتە قىلىۋالغانلىقىغا سەل قارىماسلىققا، بۇ جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردا ئىنتېرنېت، ۋە ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىدە 26-ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان زور مەسىلىلەر كۆرۈنۈۋاتقان بولۇپ، -ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەن سائەت 5:30 دىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈندىدارنىڭ ئېچىلمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقا باشلىغان، ئۇچۇر يېزىشقا ۋە دوستلۇق چەمبىرىكىگە چىققىلى بولمىغان، بۇ ئەھۋال رايوندىلا ئەمەس، بېجىڭ، شەندۇڭ، جېجياڭ، خېيلۇڭجياڭ، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىمۇ كۆرۈلگەن، بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تېخىچە ئېنىقلىما بەرمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە خەلقئارالىق تېلېفون لىنىيىسىنى 10 ئايغا قەدەر ئۈزۈپ تاشلىغان شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، گەرچە ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئاممىۋى ئالاقىلەرنى ئىلگىرىكىدەك پۈتۈنلەي توسۇۋەتمىگەن بولسىمۇ، تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىنتېرنېت قوللىنىش دائىرىسىنى يېشىل توسما، سۈزگۈچ دېتاللىرى، ئىپ ئادرېسى بويىچە ئىز قوغلاش، تور ساقچىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىنتايىن چەكلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويغاندىن باشقا، ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە كاشىلا پەيدا قىلىش، ۋاقىتلىق ئۈزۈپ قويۇش ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ نورمال ۋە ھەقلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغىمۇ دەخلى يەتكۈزمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.