كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لاگېرلار مەسىلىسىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق جازالاش تەدبىرى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» خەۋىرىدە ترامپ ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ۋە شىركەتلىرىنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قاراماي شەھىرىگە سېلىنغان يىغىۋېلىش لاگېرى. 2018-يىلى 20-ئاۋغۇست.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 10‏-سېنتەبىر خەۋەر تارقىتىپ، ترامپ ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىغا قارىتا يۇقىرى دەرىجىلىك بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ۋە شىركەتلىرىنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا ۋە شىركەتلىرىگە تەقىبلەش تېخنىكىسى سېتىشنى چەكلەپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى بۇ پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبلىك تۇنجى قېتىم ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قانداق جازالاش مەسىلىسى ئاقساراي، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا نەچچە ئايدىن بېرى مۇنازىرە قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مۇنازىرە ئىككى ھەپتە ئاۋۋال جىددىيەت قازانغان.

ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ 17 نەپەر ئەزاسى يېقىندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو بىلەن مالىيە مىنىستىرى منۇچىنغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ تەتقىقات ۋە سىياسەت ئىشلىرى مۇئاۋىن دىرېكتورى تىنا مۇفارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا كۈچلۈك رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىنا مۇفارت مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا دىنىي ئەركىنلىك ھەم كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە خورلاۋاتقانلارغا قارشى قولىدىكى بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشىنى كۈچلۈك رەۋىشتە قوللايدۇ. بىز مەيلى ئۇ يەرشارى ماگنىتىسكىي قانۇنى بولسۇن ياكى يەرشارى دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى بولسۇن ياكى دىنىي ئەركىنلىكنى خورلىغۇچىلارنى نىشان قىلغان باشقا ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشنى قوللايمىز. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ، بۇ كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.»

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھالقىلىق مەسىلە، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىسا، ئۇنىڭ كۆلىمى، چېتىلىش دائىرىسى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسى قانچىلىك بولىدۇ، دېگەن مەسىلىدۇر. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 17 نەپەر ئەزاسى يېقىندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ۋە مالىيە مىنىستىرى منۇچىنغا يازغان مەكتۇپىدا، چېن چۈەنگو، خۇ ليەنخې، سوڭ جىنروڭ، جۈخەيلۇن، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

تىنا مۇفارت خانىمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەيلى ئۇ شەخس بولسۇن، مەيلى ھۆكۈمەت ئورگىنى بولسۇن ياكى خۇسۇسىي شىركەت بولسۇن كىم كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلغان بولسا شۇنى جازالىشى كېرەك.
تىنا مۇفارد: «مەيلى ئۇ شەخس بولسۇن، مەيلى ئورگان ياكى شىركەت بولسۇن ئۇنىڭغا ئېمبارگو قويۇشنىڭ ئۆتكىلى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بارلىق دەلىللەرنى ۋە ئۇچۇرلارنى بىر يەرگە توپلاپ خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئېمبارگو قويۇش ئۈچۈن ھەممە نەرسە قانۇنى شەرتلەرگە لايىق بولۇشى كېرەك. بىراق بىز خىتايدا مەيلى ئۇ ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولسۇن، پارتىيە كادىرى بولسۇن ياكى خۇسۇسىي كارخانىلاردىكى كىشىلەر بولسۇن ۋە ياكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بولسۇن دىنىي ئەركىنلىكنى خورلاشقا شىنجاڭدىلا ئەمەس، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ناھايىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلىمىز. نىشانغا ئېلىنىدىغان بۇ خىل شەخس ۋە ئورگانلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى ‏-«خىتاي پۇقرالار كۈچى»نىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى «قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ئىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا تەدبىر قوللانمىسا، بۇ «پۈتكۈل دۇنيا مەدەنىيىتىنى چېكىنىشكە ئېلىپ بارىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قانداق دېسە دېسۇن، خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىدە ئەگەر ئۇ بىر مىللەتنىڭ 10% دىن ئارتۇقىنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىغان بولسا، بۇنداق ئىشنى مەدەنىي دۇنيا قوبۇل قىلمايدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكىدەك بىر ئەركىن دۇنيانىڭ يېتەكچىسى، دېموكراتىك ۋە قۇدرەتلىك بىر دۆلەت خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىدە بۇنداق بىر قىلمىشقا كۆز يۇمسا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئارقىغا چېكىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر قوللىنىش نىيىتى كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى خوش بولدۇق.»

ياڭ جيەنلىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ جازالاش تەدبىرى ناھايىتى كونكرېت بولۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خورلاۋاتقان يۇقىرى ھەم ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. ئۇ شۇنداق قىلغاندا ئېمبارگونىڭ تەھدىت سېلىش كۈچى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار تىزىملىككە كىرگۈزۈلسە، بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشى مۇمكىن بولمايدۇ، چېن چۈەنگودەك بىر سىياسىي بيۇرو ئەزاسىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىدە چوقۇم بىر مۇددىئاسى بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ تېخىمۇ ئۆسۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئامېرىكىغا كېلەلمىسە، ئۇنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆسۈپ دۆلەت رەھبىرى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئۇنىڭ مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا زەربە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت تۆۋەن دەرىجىلىك باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشتە چوقۇم بىر مۇددىئاسى بار. بولۇپمۇ يۇقىرى ئۆسۈشنى ئويلايدىغان ئەمەلدارلارنىڭ. ئەگەر ئامېرىكىغا كېلىشنى ئويلىمىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن خىتايدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكىدا يا ئۇرۇق-تۇغقان پەرزەنتلىرى ياشايدۇ يا مال مۈلكى بار. ياكى پەرزەنتلىرىنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقانلار. ئەگەر بۇ كىشىلەر تىزىملىككە كىرگۈزۈلسە، ئۇلارغا بىۋاسىتە ئۇنداق تەسىر قىلىدۇ.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىملەرنى جازالايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى تىنا مۇفارتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىملەرنى جازالاشنى مالىيە مىنىستىرلىقى بېكىتىدىكەن. ئۇ:«ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بىر يۈرۈش ئېمبارگو تۈرلىرى ۋە ئېمبارگو ۋاسىتىلىرى بار. بىزنىڭ نىشانىمىزدا كۆپرەك چەتئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، چەتئەل ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى شەخسلەر بار. لېكىن بەزىدە بىر قىسىم خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلىمىز. ئەمما كىملەرنى تىزىملىككە ئېلىش مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قانداق ئۆلچەم قويىدىغانلىقىغا باغلىق. ئۇ خۇسۇسىي شىركەتلەرگە ئېمبارگو قويۇش- قويماسلىقنى بەلگىلەيدۇ» دېدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى»گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىرما ھەربىي دائىرىلىرى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلغان، باسقۇنچىلىق قىلغان، ئۆي ماكانلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇرلىغان مەزگىلدە ئۇيغۇر ۋە خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمانلار مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. بىرما ھەربىي دائىرىلىرى 2017‏-يىلى 8‏-ئايدىن بېرى 700 مىڭ روھىنگالىق مۇسۇلماننى بېنگالغا قېچىپ بېرىپ، ئېغىر شارائىتلاردا ياشاشقا مەجبۇرلىغان ئىدى. «نيۇ-يوركتىكى يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بەزى كىشىلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «بەزى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى بىرمىدا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى، دەپ قارايدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.