خىتاي ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.08.30
pilanliq-tughut-305.jpg ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Archive

دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلانغان دوكلاتلىرىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي رايونلارغا ئالاھىدە قاتتىق تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىنى ئېلىپ بېرىش، پىلاندىن ئارتۇق تۇغقانلارغا ئېغىر جەرىمانە قويۇشتەك قەبىھ سىياسەتلەرنى قوللىنىپ كەلگەنلىكى تەنقىدلەنگەن ئىدى.

يېقىندا يەنە مەجبۇرىي يوسۇندا مەڭگۈلۈك تۇغماسلىق ئوپېراتسىيە تەدبىرلىرىنى، پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرى نامىدا ئومۇملاشتۇرۇۋاتقانلىقىدەك مەسىلىنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنكاسلار ۋە دەلىللەنگەن مەلۇماتلاردىن شۇنىسى مەلۇمكى، ئۇيغۇر دىيارىدا بالىسىنى چۈشۈرگەن ۋە تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيىسى قىلغان ئەمەس، بەلكى دائىرىلەرنىڭ تۈرلۈك قەبىھ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مەجبۇرلىشى، زۇلۇمى، ۋەھىمىلىرى ئاستىدا ھاياتىنى تەھدىتكە ئاتقان.

ئۇيغۇر ئېلى دۇنياغا يېپىق ۋە قاراڭغۇ بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن زۇبەيرە خانىم، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغۇش ھوقۇقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلىشى، ئۇلارنىڭ جىسمانىيىتىگە، روھىيىتىگە ئېغىر زەربە بولىدىغان ئوپېراتسىيەلەرنى ئېلىپ بېرىشى، خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنىغىلا خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئىنسانلىق ئەخلاقىغا، كىشىلىك ھوقۇققا قارشى قەبىھ بىر ۋاسىتە» دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇ يەنە، ئانىلار بۇ خىل پىلانلىق تۇغۇتنىڭ سىياسىي تەدبىرلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىگە قاراپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى: «ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن 30 يىلدىن بۇيان مەجبۇرىي يوسۇندا يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق-نارازىلىقىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن جازالاش، قالايمىقان تۇتقۇن قىلىپ، تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قاماش، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى تېخىمۇ قاتتىق جازالاشقا ئوخشاش تەدبىرلەر بىلەن، ئۇلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسىمۇ ئەرز قىلالمايدىغان، نارازىلىق بىلدۈرەلمەيدىغان قىلىپ قويغان بىر ۋەزىيەتتە، قايتىدىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىشتەك زوراۋان ئۇسۇللاردا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش، ھەتتا يىلتىزىدىن يوقىتىشتەك قەبىھ نىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. پەرھات ئەپەندىنىڭ يەكۇنىچە، «دېمەك خىتاي مەيلى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىككى پەرزەنتلىك ياكى 3 پەرزەنتلىك قىلىپ ئۆزگەرتمىسۇن، بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغاندا بەرىبىر قىرغىنچىلىق ماھىيىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز پەرزەنت كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىدىغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە 1980-يىللاردىن باشلاپ خىتاي مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. گەرچە ئۇيغۇر قاتارلىق خىتايدىن باشقا مىللەتلەرگە بىردىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولۇشنى نىسپىي يولغا قويغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا پىلاندىن ئارتۇق ھامىلىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىنىشتەك چارىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەنمۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ ئوخشاش قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۆز ئېغزى بىلەن ئېتىراپ قىلىپ «ئۇيغۇر ئېلىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئاز دېگەندە 3 مىليون بوۋاق ئاز تۇغۇلدى» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.