تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن: شەرقى تۈركىستاندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدۇر

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.05.26
Turghunjan-alawudun-rfa.jpg دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى زىيارەت قىلدى ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2016-يىلى 26-ماي، ۋاشىنگتون.
RFA

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەت دولقۇنى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ  تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقنى تەكىتلىگەن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئىشغالىيىتى بىلەن تەڭ بۇزۇلغان تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.