مەمەت توختى: ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسى شى جىنپىڭنىڭ ئەسەبىي مىللەتچىلىك سىياسىتىگە بىر ئىنكاس


2014-05-02
Share
urumqi-poyiz-istansa-partilash-weqesi.jpg ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسىدىن كېيىنكى نەق مەيدان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 30-ئاپرېل.
EyePress News

خىتاي تەرەپ ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلىدى. ئەمما، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى قارىشى تامامەن باشقىچە. بۈگۈن ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، ۋەقەنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھۇجۇمچىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى مۇستەھكەم كىشىلەر ئىكەنلىكى ئېنىق، ئەمما ۋەقەنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئالاقىسى يوق؛ ئۇ، رايوندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ زور تەسىر پەيدا قىلغان بىر پارچىسى. مەمەت توختى ئەپەندى يەنە، ھۇجۇمدا ئورۇن ۋە ۋاقىتنىڭ ئالاھىدە دىققەت بىلەن تاللانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ۋەقەنى شى جىنپىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بېرى كۈچەپ تەكىتلەۋاتقان ئەسەبىي خىتاي مىللەتچىلىك سىياسىتىگە قارىتا كۈچلۈك بىر ئىنكاس دەپ ئىزاھلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت