ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيىتى ئىسكەنجىگە ئېلىنماقتا» ناملىق يىغىن ئېچىلدى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.02.28
amerika-diniy-erkinlik-komitetining-xadimi-tina-mufford-yighinda.jpg ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ خادىمى تىنا مۇففورد يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 26-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن 26-فېۋرال كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىلدى.

يىغىندا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس بىلەن خىتاي يازغۇچى، داڭلىق سىياسىي ئوبزورچى چېن پوكوڭ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن يىغىن رىياسەتچىسى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى خادىملىرىدىن مارۋىن كۇمېتات ئەمدىكى سۆز نۆۋىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى ئالىمى تېڭ بياۋغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېڭ بياۋ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملارنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلىۋاتقان ھەرقانداق ئۇيغۇرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك بۇنداق كىشىلەرنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ جەھەتتىكى خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىش قىلمىشىنىڭ مىساللىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى غەيرەت نىياز ۋە ئىلھام توختىنىڭ قىسمىتىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە نۆۋەتتە خىتايدىكى پۈتكۈل خەلقنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىلدىكى دىنىي ئېتىقادقا زىيانكەشلىك قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتەك زۇلۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بۇ جەھەتتىكى مىسال قاتارىدا خىتاي ئۆكتىچىلىرى، جۈملىدىن ليۇ شياۋبو ۋە باشقىلار ئوخشاش بولمىغان مۇددەتلىك قاماققا بۇيرۇلغان ئەھۋالدا، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ پەقەت مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈنلا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدەك رېئاللىقنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندى. ئۇ، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى زۇلۇملارنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن تېخىمۇ بىر بالداق يۈكسەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تېڭ بياۋدىن كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيتوف سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كونتروللۇقنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ چېن چۇەنگو ئۇيغۇر دىيارىغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن تىبەتتىكى «تورلاشقان كونتروللۇق» سىستېمىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، غايەت زور ساندا ساقچىلار قوشۇنى ۋە «سىياسىي ئۆگىنىش مەركەزلىرى» بەرپا قىلىش ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» مۇھىتىغا مەھكۇم قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلاردا ھازىر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ياكى مەدەنىيەت گۈللىنىشى دېگەندىن ئەسەرمۇ قالمىغانلىقىنى تىپىك مىساللار ئارقىلىق تونۇشتۇردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى تىنا ماففورد خانىممۇ بۈگۈنكى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئېلىپ، ئالدى بىلەن 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەربىي كونتروللۇق جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئاجىز بەدىنى ئارقىلىق ئونلىغان خىتاي تانكىلىرىنى ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان ئۇيغۇر ئانا تۇرسۇنگۈلنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتتى ھەمدە ئۇنىڭ شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى جاسارەت، ئۈمىد ۋە قارشىلىقنى نامايىش قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئارقىدىن «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» دېگەن چۈشەنچىنىڭ ئەسلىدە ھەممىلا ئىنسانغا ئورتاق بولغان ئەڭ ئەقەللىي بىر ھوقۇق ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق دۆلەت، پارتىيە ياكى تەشكىلاتنىڭ بۇ ھوقۇققا ئارىلىشىش ھەققى يوقلۇقىنى، ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە مىسلىسىز زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى تۈپەيلىدىن «ئەسەبىي» لىك بىلەن ئەيىبلىنىپ مەھبۇسقا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە سۆزىنىڭ داۋامىدا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىن مۇقىمسىزلىققا زېمىن ھازىرلاۋاتىدۇ» دېگەن چۈشەنچە ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بۇ قەدەر يامانلىشىۋاتقان ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسقا قارشى تەدبىر ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا تەكلىپلىك مېھمانلارنىڭ يەنە بىرى، ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ خادىمى نىكول مورگېرت سۆز ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى«چەتئەللەردىكى بەش خىل زەھەرلىك كۈچ» دەپ ئاتاۋاتقانلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ چېگرا ھالقىپ، ئاللىقاچان باشقا مەملىكەتلەردە ماكانلىشىپ بولغان ئۇيغۇرلارغىچە سوزۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۆزلىرى «گۇمانلىق» دەپ قاراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قايتىپ كېلىشكە ياكى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە تېگى-تەكتىدىن بىر قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەكلىپلىك مېھمانلار سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن يېرىم سائەتلىك سوئال سوراش باسقۇچى بولدى. بۇ باسقۇچتا يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلار ئۆزلىرى قىزىققان تېمىلار بويىچە سوئال سورىدى. مۇتەخەسسىسلەرمۇ تېگىشلىك جاۋاب بەردى.

ئىككى سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىنغا ۋاشىنگتوندىكى ھەرساھە كىشىلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.