73 ياشلىق غايىب ئەرزدار ئېلى رىشىتنىڭ داخىيەن تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.02.09
erzdar-boway-305.jpg بىر ئوغلى مەلۇم بىر خىتاي تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر بوۋاي، قاتىل قولغا ئىلىنىپ ئۇزۇن مەزگىل ئۆتمەيلا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 9 يىلدىن ئارتۇق ئەرز قىلغان. 2009-يىلى 23 ئاپرېل.
RFA

پىچان يېڭىيەرلىك ئەرزدار ئېلى رىشىت بۇلتۇر ئىككىنچى ئايدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئىز-دېرىكى بولماي كەلگەن ئىدى. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا رادىئومىزغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن مەزكۇر ئەرزدارنىڭ ئوغلى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قايتا قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى غايىب دادىسى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئەرزدار ئېلى رىشىت نۆۋەتتە داخىيەن تۈرمىسىدە ئىكەن. بىر يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دادىسىنى كۆرۈش نېسىپ بولغان ئوغۇل، دادىسىنىڭ كۆزىنىڭ تۈرمىدە تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى، كىشىلەرنى پۈتۈنلەيلا تونۇماس ھالغا كەلگەنلىكىنى بايقىغان. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ئەرزدارنىڭ ئادۋوكاتى ئەرزدارنىڭ ئوغلىغا ئەرزنى توختىتىپ، دادىسىنى كېپىللىككە ئېلىپ چىقىش تەكلىپىنى سۇنغان، ئەمما ئوغۇل دادىسىنى كېپىللىككە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئەھۋالنى چۈشەندۈرىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تاپالمىغان.

بىز ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا، 73 ياشلىق ئەرزدار ئېلى رىشىتنىڭ بىر يىلنىڭ ئالدىدا ئۆيىدىن تۇتۇپ ئەكېتىلگەنلىكى، ئەمما ئائىلىسىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق، مەزكۇر ئائىلە بىلەن بۈگۈن قايتا كۆرۈشۈشىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ تۇرپاندىكى داخىيەن تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئائىلە ئەرزدار ئېلى رىشىتنى تۈرمىدىن كېپىللىككە ئاچىقىشنى پىلانلىماقتا، ئەمما ئائىلىنىڭ ئەمەلدارلار قاتلىمىدا ھېچقانداق ئالاقە تورى بولمىغاچقا، نەگە بېرىش، كىمگە ئەھۋال ئېيتىشنى بىلمەي گاڭگىرىماقتا. بايان قىلىنىشىچە، دائىرىلەر يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، ئەرزدار ئېلى رىشىتنى ئەرزدىن توختىتىپ بولالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ئۆچ ئېلىپ، ئۇلارغا تۈرلۈك ئاۋارىچىلىكلەرنى تۇغدۇرغان.

مەزكۇر ئوغۇل بۇ قېتىم دادىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بېيجىڭدا مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئالدىدىكى بىر ئەرزدارلار نامايىشىغا قېتىلغاچقا، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ 5 يىللىق كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

بۇ يىل 73 ياشقا كىرگەن، پىچان يېڭىيەرلىك ئېلى رىشىت، 20 يىلنىڭ ئالدىدا كىچىك بىر ئىجتىمائىي جېدەلگە چېتىلىپ قېلىپ تۇتقۇن قىلىنغان، سوراق ۋە قىيناش داۋامىدا ئۇنىڭ بىر كۆزىگە توك كالتەك تېگىپ، شۇ كۆزى كاردىن چىققان، سوراق ئاخىرىدا ئېلى رىشىت گۇناھسىز دەپ قارىلىپ قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچقانداق تۆلەم بېرىلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئېلى رىشىتنىڭ 20 يىلغا سوزۇلغان ئەرز سەپىرى باشلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.