ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا


2014.02.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
pichan-lukchun-weqesi.jpg ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى ساقچى پونكىتى. 2013-يىلى 26-ئىيۇن.
t2.qpic.cn/mblogpic

كىشىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەزىيەتنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىغا قىزىقماقتا. ئەل - جەزىرە تېلىۋىزىيىسى خەۋەرلەر تورى بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار دەپ قارىغان 5 تۈرلۈك سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويۇپ چىققان.

ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى ۋە ئېتنىك بۆلۈنۈشنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نەتىجىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلام كىملىكىنىڭ يۈكسېلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەسكەرتىپ، زىددىيەتنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، يۈكسېلىۋاتقان ئىسلام كىملىكىگە ماسلىشىش يولىنى تۇتۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۆۋەندە سىلەر بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلىغايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەل - جەزىرە تېلىۋىزىيىسى تور بېتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى ۋە خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ ئىنكاسىنى سېلىشتۇرۇش ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمايدىغان بىر پىكىرنى ئالغا سۈرۈش مەقسىتىدە ئېلان قىلغان. ئۇلار دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ھەر خىل ستاتېستىكىلار، ئۆلكىلەر ئارا ئىقتىسادىي كىرىم پەرقى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئامىللىرىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تۆۋەندىكى 5 خىل ئامىلغا باغلاپ چۈشەندۈرگەن.

بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، تىز سۈرئەتتە زامانىۋىيلىشىش ئاستىدا ئۆزگىرىۋاتقان جەمئىيەت. ئەل - جەزىرەنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بىر جەھەتتىن ئالغاندا خىتايدىكى تىز سۈرئەتلىك زامانىۋىيلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن ئوخشاش. ئۇلار، خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ زامانىۋىيلىشىش كەلتۈرۈپ چىقرىۋاتقان ئىجتىمائىي جىنايەتلەر ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەت رەقەملىرىنىڭ يۈكسەكلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىمۇ خۇددى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىگە ئوخشاشلا زامانىۋىيلىشىشتىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىغا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ئاشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر نەپ ئالغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى سانائەتلىشىشمۇ كۆپ كىشىگە ئىش ئىمكانى يارىتىپ بەرمىگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا يارىتىلغان ئىش ئىمكانى تېخىمۇ ئاز. بۇنى ئاز دەپ بۇ خىل كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىدا مۇھىت بۇلغىنىشىغا، تۇپراق، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا ھەم شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسلەشتۈرۈۋەتكەن. بۇ خىل كارخانىلار گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن پايدا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن قايتقىنى بەك ئاز بولغان. ئىچكىرىدىن كىرگەن كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىغا ئۆزىنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىللە كىرگەچكە، بۇنىڭ يەرلىكلەرگە ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان. ئۇيغۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك تېخنىكىلىق خىزمەتلەرگە قوبۇل قىلىنمىغان.

دوكلاتتا يەنە يۇقىرىدىكىلەردىن سرت، يېرىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىش، ئىشسىزلىق، يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىكى چىرىكلىك ۋە چەمبەرنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇش، مىللىي كەمسىتىش ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا چۈشەنمەسلىك قاتارلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىقىۋاتقان نارازىلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىگە بولغان گۇمانىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى بايان قىلىنغان ۋە بۇمۇ يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەر دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئۈچىنچىسى، رايونلار ئارا باراۋەرسىزلىك. ئەل - جەزىرە دوكلاتىدا خىتايدا ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى سېلىشتۇرۇپ ئېلان قىلىنغان بىر ستاتېستىكىنى نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى 31 ئۆلكە بويىچە 18 - قاتاردىن ئورۇن ئالغان. ئۇلار مۇلاھىزىسىدە، بۇ رەقەمدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئورنى بەك تۆۋەن ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى تەكشىسىزلىكنىڭ ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، ئاتۇش ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، بۇ يەردىكى نامراتلىق خىتاينىڭ ئەڭ نامرات ئۆلكىسى ھېسابلىنىدىغان گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭمۇ ئارقىسىدا قالغان، ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراماي شەھىرىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش قىمىتى خىتايدىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان شەھەر ھىسابلىنىدىغان تىيەنجىن شەھىرىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن. شۇڭا دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي بىلەن جەنۇبىدىكى پەرقنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدا ئاساسەن خىتايلارنىڭ، جەنۇبىدا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقىدەك پاكىتنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كۆپ ياخشى ياشايدىغانلىقىنى، مانا بۇ ئەھۋالنىڭمۇ كېلىپ چىقىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدا، بولۇپمۇ قەشقەر ۋە خوتەندە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

تۆتىنچىسى، يەر ئاستى ئىسلام كۇرسلىرىنىڭ كۆپىيىشى. دوكلاتتا گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدا مەسچىتلەرنىڭ سانىنى ئاز دېيىشكە بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئورۇنلارنى، ئىماملارنى ۋە ھەرقانداق دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى كونترول قىلىۋالغان بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بويان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ قايتا جانلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يەر ئاستى دىن كۇرسلىرىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ خىل يەر ئاستى دىنىي كۇرسلىرىنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ۋە كۈچ توپلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا ۋە يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسىمۇ مانا مۇشۇنداق دىن كۇرسلىرىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل يەر ئاستى دىنى كۇرسلىرى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان.

بەشىنچىسى، ئىسلام قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى. ئەل - جەزىرىنىڭ دوكلاتىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن : ئىسلام قىزغىنلىقىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىشى ئىككى تۈرلۈك سىياسىي نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى. يەنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاتتىق بېسىم ۋە ھەتتا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھاقارەت قىلىدىغان دەرىجىدىكى قاتتىق تۈزۈملەرنى يولغا قويدى. مەسىلەن، دىنىي پائالىيەتلەرنى، ئاياللارنىڭ ھىجاپلىنىشىنى چەكلەيدىغان، ئۇلارنى كوممۇنىست پارتىيىگە ئەزا بولۇشقا قىستايدىغان دېگەندەك. يەنە بىرى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى كۈچلۈك قارشىلىق قىلىشى سەۋەبىدىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغالغان ئىسلام قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇلار دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يېزا كادىرلىرى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتامدۇ، دەپ تەكشۈرۈپ كىرگەندە يۈز بەرگەنلىكىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق سىياسەتلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان كۈچلۈك قارشىلىقىنى ۋەقەلەرنىڭ كەينىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب، دەپ كۆرسەتكەن.

ئەل - جەزىرە قانىلى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا يۇقىرىدىكى 5 ئامىل كۆرسىتىلگەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك يەكۈن چىقىرىلغان. ئۇنىڭدا، بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەر مەنپەئەت توقۇنۇشى ۋە ئېتنىك زىددىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي مەسىلىدۇر. بۇنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدىكى نەتىجىسى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن قارشىلىدىغان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا چىقىشىدۇر. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچ بولسا خىتاينىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ۋە ئىسلام كىملىكىنىڭ يۈكسېلىشىگە قانداق قىلىپ توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان يولنى تېپىپ چىقىشىغا باغلىق، دەپ كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت