ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.07.03
londun-uniwersiti-uyghur-mesilisi.jpg ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا لېكسىيە سۆزلىگەنلەر. سولدىن ئوڭغا: رېيچىل خاررىس خانىم، ئادريان زېنز ئەپەندى ۋە رەھىمە مەخمۇت خانىم. 2018-يىلى 2-ئىيۇل، لوندون.
Eziz Isa teminligen

يېقىندىن بۇيان غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ دۇنيادىكى «ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ بېسىلىشقا باشلىدى. بىر قىسىم شاھىتلارنىڭ بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن بۇنىڭغا دائىر بىر قىسىم ئەھۋاللار قىسمەن بولسىمۇ ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، كۆپلىگەن تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قىزىقىشىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىشقا باشلىدى. 3-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن دېيىشكە بولىدۇ.

ئىگىلەنگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ئىنسان ھەقلىرى بىلەن مەشغۇل بولغۇچى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن. بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا «شىنجاڭدىكى ئېشىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە: خەلقئارا جامائەت بۇنىڭغا نېمە دەيدۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. بۇ قېتىملىق يىغىندا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رېيچىل خاررىس، گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەت مەكتىپى» نىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيە» تېمىسىدا خەلقئارادا ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىملاردىن سانىلىۋاتقان دوكتور ئادريان زېنز لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رەھىمە مەھمۇت قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغان تېمىلار بويىچە سۆز قىلدى.

مەزكۇر يىغىن ھەققىدە بېرىلگەن ئېلاندا بايلىققا تىنىپ كەتكەن بۇ رايوننىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق ماكان بولۇپ قالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسەتلىرى 2016-يىلى چېن چۇەنگو ئۇيغۇر دىيارىدىكى كومپارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن بىراقلا يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، مەزكۇر رايوننىڭ ئەڭ چوڭ ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ 11 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بىر مىليون كىشىنىڭ «يېپىق شەكىللىك تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل بۇ ئەھۋاللارنى ئىنكار قىلىپ كەلگەنلىكى، شۇڭا مۇشۇ ئەھۋاللاردىن غەرب دۇنياسىنى، جۈملىدىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خەۋەردار قىلىش ھەمدە ئۇلارنى بۇ خىلدىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى چەكلەشكە چاقىرىق قىلىش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ قېتىملىق سۆھبەت يېرىم ئوچۇق خاراكتېردە بولغانلىقى ئۈچۈن، يىغىن قائىدىسى بويىچە نەق مەيداندىن ئاۋاز ئېلىش چەكلەنگەن ئىدى. شۇڭا يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ مەسئۇلى ئەزىز ئەيسانىڭ ياردىمىدە ئالدى بىلەن بۈگۈنكى يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ بىرى دوكتور رېيچىل خاررىسقا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

بىز ئۇنىڭدىن بۈگۈنكى يىغىن ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىشنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز پارلامېنتقا كېلىپ، ئىنسان ھەقلىرى بىلەن مەشغۇل بولغۇچى ئاز ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەھۋال تونۇشتۇردۇق. شۇڭا مېنىڭچە ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشنى تولىمۇ جايىدا بولدى، دەپ قارايمەن. يەنە كېلىپ بىز مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى ئۇلۇغ برىتانىيە پارلامېنتىدا قانداق ئاقتۇرۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى يىغىندا بىز ئۈچ كىشى سۆز قىلدۇق: مەن، ئادريان زېنز ۋە رەھىمە مەھمۇد. مەن ئاساسلىق قىلىپ، ئومۇمى ئەھۋال ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردىم ھەمدە ئۇيغۇر رايونىدىكى بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە سۆزلىدىم. ئادريان زېنز بولسا ئۆزىنىڭ ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› ھەققىدىكى تەتقىقات ئەھۋالىدىن مەلۇماتلار بەردى. رەھىمە مەھمۇد بولسا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىدە بولۇش ئىمكانىنىڭ بولمايۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.»

بىز ئۇنىڭدىن يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يىغىن جەريانىدا قانداق ئىنكاستا بولغانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئېگە بولغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «بىزدىن ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشى ھەققىدە تولىمۇ مەنىلىك سوئاللار سورالدى. سۆز قىلغۇچىلارنىڭ بىرى نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا باھا بېرىپ ‹بۇ شىركەتلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيدۇ› دېدى. بۇ ھەقتىكى سوئال-جاۋابلار بەكمۇ قىزىقارلىق بولدى. بىز يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سودا مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەتلەشكەندە مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق.»

بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئادريان زېنزدىن بىز بۈگۈنكى يىغىندا نېمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە بىر ئومۇمى چۈشەنچە بەردۇق. مەن ئاساسلىق قىلىپ ‹تەربىيەلەش لاگېرلىرى› سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى تەپسىلىي دەلىل-ئىسپاتلار ھەمدە ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە سۆزلىدىم. بىز بىلەن بىللە يەنە بىر ئۇيغۇر خانىم ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئىشلارغا باغلىنىشلىق بولغان شەخسىي كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بولغان ئىنكاسى بەكمۇ ئىجابىي بولدى، دەپ ئويلايمەن. ئۇلار بۇ مەسىلىلەرگە بەكمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولدى. ئۇلار يەنە بۇ ‹تەربىيەلەش لاگېرلىرى› نىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى كۆردى شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىلنى كۆزلىگەندە بۇنىڭغا بىزنىڭ قانداق تەكلىپ بېرىدىغانلىقىمىزنى سورىدى.»

بىز ئۇنىڭدىن «ئۇيغۇرلار دىيارىدا شۇنچە مۇستەھكەم ئاساس قۇرۇۋالغان خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئەمدىلىكتە ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نى كۆپلەپ بەرپا قىلىدۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭ ئۇزاقنى كۆزلىگەن بىر سىياسىي تەدبىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تولۇق كونترول قىلدۇق، دەپ ئويلايدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇلار بۇ رايوندىكى خەلقنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن نۆۋەتتە شىنجاڭنى ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش غايەت زور بىر قۇرۇلۇش بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايلار ھازىر ئۇيغۇرلارنى، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر دېگەن زادى كىم؟ ئۇلار قەيەردىن كەلگەن؟ دېگەنلەرنى چۈشىنەلمەي قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئويلاشقاندا ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل ئەسقاتىدىغان، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ئاسسىمىلياتسىيە چارىلىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ.»

ئاخىرىدا بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇدمۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يىغىن ئەھلىگە ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ياندىن ئىسپاتلىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

رەھىمە مەھمۇدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار يەنە ئەنگلىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان. بىز ئۇنىڭدىن بۇنىڭ قانداق تەكلىپ ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت بارغانسېرى كۆپلىگەن ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، ئىزچىل خەلقئارا ئاخباراتتىكى قىزىق تېمىلاردىن بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.