ئامېرىكا تۈرك تەشكىلاتلار بىرلىكى نيۇ-يوركتا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش ئېلىپ باردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-07-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكىدىكى تۈرك تەشكىلاتلار بىرلىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى قىلغان نامايىشىدا كۆتۈرگەن لوزۇنكىسى. 2018-يىلى 7-ئىيۇل، نيۇ-يورك.
ئامېرىكىدىكى تۈرك تەشكىلاتلار بىرلىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى قىلغان نامايىشىدا كۆتۈرگەن لوزۇنكىسى. 2018-يىلى 7-ئىيۇل، نيۇ-يورك.
Social Media

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «تۈرك تەشكىلاتلار بىرلىكى» گە ئەزا، «ياش تۈركلەر»، «ئاي يۇلتۇز»، «ئامېرىكا تۈركىستان جەمئىيىتى» قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 7-ئىيۇل شەنبە كۈنى، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى تۇرۇشلۇق بىنا ئالدىدا، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش» نامىدا مەخسۇس نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نامايىشقا نيۇ-يورك شتاتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار ۋە تۈركمەنلەردىن 30دىن ئارتۇق كىشى قاناشتى.

ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل ۋە كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلانىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئۆتكۈزگەن بۇ نامايىشى «فاشىست خىتاي شەرقىي تۈركستاندىن چىقىپ كەتسۇن»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتاي لاگېرلارنى تاقىسۇن»، «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق قىلىشنى توختاتسۇن» دېگەندەك شوئارلار بىلەن، نيۇ-يورك ۋاقتى سائەت 4 تىن 5 كېچە بىر سائەت داۋام قىلدى. ئۇلار ئاخىرىدا خىتايغا بولغان نارازىلىق مەكتۇپىنى خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىك ئورنىغا تاپشۇردى.

نامايىش تەشكىللىگۈچىسى، تۈرك تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى تۇلگا تېكمان ئەپەندى نامايىش مەيدانىدا بايانات بېرىپ، «خىتاينىڭ توققۇز يىل ئاۋۋال 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق زور قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى» نى، تۈرك قېرىنداشلار بۇ مەيدانغا يىغىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ھەمكارلاشقان ئاي يۇلتۇز تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بۇئەنت ئەپەندى نامايىش مەيدانىدا «تۈركىيە دۆلىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا سۈكۈتتە تۇرماقتا، ھەتتا خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماقتا، ئۆز مىللىتىنى ساتقان تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيمىز» دەپ بايانات بەردى.

نامايىشقا قازاقىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئىشتىراك قىلغان بىر قازاق يىگىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن، بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى، مۇسۇلمانلارنى بىرلىكتە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەزكۇر نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلاردىن دوكتور مەمتىمىن ئەپەندى، نامايىشتىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىنمۇ نامايىشقا 10 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ۋە تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئارا بىر بىرىنى قوللىشىنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىش تەشكىللىگۈچىسى، تۈرك تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى تۇلگا تېكمان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تەشكىلات قۇرۇلغان 26 يىلدىن بۇيان تۈرك جەمئىيەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۆز-ئارا قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلاردەك ياردەمسىز قالغان قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىش ۋە ئۇلارنى قوغداشنى شەرەپلىك بۇرچىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز» دەپ بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۇلگا ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئامېرىكىدىكى تۈرك تەشكىلاتلار بىرلىكى 9 يىلدىن بۇيان 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە ئىكەن شۇنداقلا، ئۇلار يېقىندىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىخانىلىرىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىشىغا بولغان ئەيىبلەش خەتلىرىنى يوللىغان.

تۇلگا ئەپەندى بۇ قېتىملىق نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بۇ نامايىشىمىز ئارقىلىق خىتاينى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكچى شۇنداقلا بىز ئاۋازىمىز ئارقىلىق ئامېرىكىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، تۈركىيەنى ھەتتا پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى، مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رازىغا قۇلاق سېلىشقا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز. چۈنكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردەك تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىنى ياراتقۇچى بۇ مىللەتكە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ يوقىتىش ھەرىكىتىنى پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرگە، پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق دەپ چۈشىنىش كېرەك» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت