1988-يىلى 15-ئىيۇندىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلار نامايىشىدىن ئەسلىمىلەر (2)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.07.10
shinjang-uniwersiteti-derwazisi.jpg شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى.
Social Media

1988-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زور نامايىشىغا 29 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، مۇھاجىرەتتىكى شاھىتلار بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى ۋە ئاشۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ نەتىجىسى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەمدە نامايىش يېتەكچىلىرىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

1988-يىلىدىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلار نامايىشنى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر نامايىشنىڭ 1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئۇنتۇلماس بىر سەھىپىسى بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاشۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان ۋە نامايىشتىن كېيىن مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىغا ئۇچرىغان، نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇرېشىت ئابدۇكېرىم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى.

ئۇ، شۇ كۈنىدىكى نامايىشنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باشلىنىپ، 10 كىلومېتىر يول يۈرۈپ تاكى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىغىچە داۋاملاشقانلىقىنى، يول بويى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارغا مەدەت بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دولقۇن ئەيسا شۇ قېتىملىق نامايىشتىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن ۋارىس ئىسىملىك يەنە بىر ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپتىن ھەيدىگەنلىكىنى، يەنە ئون نەچچە ئوقۇغۇچىغا تۈرلۈك جازا بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتنىڭ شارائىتىدا جەمئىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بىر ۋەقە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نامايىش قاتناشچىلىرىدىن ئابدۇرېشىت ئەپەندىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان 12 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى «قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش» جازاسى بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا شۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «1988-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر ستۇدېنتلار نامايىشى 1985-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئويغىنىشىغا شۇنداقلا 1990-يىللاردىن كېيىنكى مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئىدىيەۋىي ئاساس ياراتتى.»

ئابدۇرېشىت ئابدۇكېرىم ئەپەندى ئاخىرىدا، «1988-يىلىدىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلار نامايىشى گەرچە زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىغان، ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ جازالىنىشى بىلەن تۈگەللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدا ئۇنتۇلماس ئىز قالدۇردى. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرمۇ پەخىرلىنىمەن!» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.