خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ئەھۋالى ئەندىشە قوزغىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2013.08.02
Mehbube-Ablesh-305.jpg ﻣﻪﻫﺒﯘﺑﻪ ﺋﺎﺑﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ. ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.
Photo: RFA

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىدىن بىر قىسىملىرىنىڭ جازا مۇددىتى توشۇش ئالدىدا، يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھېچقانداق يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمەي كەلمەكتە.

ئىگىلىگەن مەلۇماتىمىزغا قارىغاندا، د ئۇ ق، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى 2008-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن توختى تۇنياز، 3 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم بولۇپ جازا مۇددىتى ئاللىبۇرۇن توشقان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان مەھبۇبە ئابلەش، 2011- يىل 24-ئىيۇن جازا مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان ئابدۇغېنى مەمتىمىن ھەمدە جازا مۇددىتى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىۋاتقان ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋەلى قاتارلىق قانچىلىغان تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتنى يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلىشى تۈپەيلى، جازا مۇددىتى توشقان بىر قىسىم مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكى، تۈرمىدىكى جازا مۇددىتىنى تاماملاش ئالدىدىكى بىر قىسىم مەھبۇسلارنىڭ ھەتتا ھايات ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ھېچقانداق يىپ ئۇچى بولمىغاچقا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا جازالىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىرقەدەر ئاشكارا بولغان ئۇيغۇر قەلەمكەش مەھبۇسلىرى: نۇرمۇھەممەت ياسىن، ئابدۇلغېنى مەمتىمىن، مەھبۇبە ئابلەش، توختى تۇنياز قاتارلىقلار بولغاندىن سىرت، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ جازالانغان تور باشقۇرغۇچى ۋە تور يازارلىرىدىن دىلشات پەرھات، نۇرئەلى ئوبۇل، نىجات ئازاد، مەمەتجان ئابدۇللاھ، گۈلمىرە ئىمىن، غەيرەت نىياز، تۇرسۇنجان ھېزىم، مەمەتتۇرغۇن ئابدۇللاھ قاتارلىقلارمۇ بولۇپ، ئەھۋاللىرى ئاشكارىلانمىغان يەنە قانچىلىك ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ تۈرمىلەردە دەرد تارتىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى، خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ چەتئەللەردە قۇرغان مۇستەقىل قەلەمكەشلەر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ « تۈرمىدىكى قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى»نىڭ تىزىملىكىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ تىزىملىكتە خىتاي تۈرمىسىدىكى نوبېل ئەدەبىياتى ساھىبى ليۇ شاۋبو، ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق 145 مەھبۇس ياكى تەقىب ئاستىدىكى قەلەمكەشلەر ئىچىدە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 15% تىن يۇقىرى بولۇپ، خىتايغا نوپۇس جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا غايەت زور پەرق ھاسىل قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ۋىجدان مەھبۇسلىرى قاتارىدا بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى موڭغۇل بىلەن تىبەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

بىز خىتاي تۈرمىسىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرىدىن ئاز-تولا ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دىققىتىڭلار بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە بولغاي.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.