خىتاينىڭ مەركەزلىك سوت ئېچىپ ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ جازالىشى كۈچلۈك تەنقىد پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014.06.10
ghulja-55-adem-sot.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوللېكتىپ سوتلىنىۋاتقان 55 ئۇيغۇرنى سوت مەيدانىغا ئەپ كەلگەن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 27-ماي، غۇلجا.
AFP

22‏-ماي ئۈرۈمچى «ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» دىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا «تېررورلۇق» قا قارشى ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغان بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم مەركەزلىك، كوللېكتىپ سوت ئېچىپ ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق» قا باغلاپ، ئۆلۈم جازاسى ۋە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىپ كوللېكتىپ جازالىدى. خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىي ۋە خەلقئارالىق ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپ ھالدا، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل ئېغىر جازالاش باستۇرۇش تازىلاش ھەرىكىتى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسا، چەتئەللەردىكى خىتاي ئۆكتىچىلەردە ئەندىشە قوزغىدى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى نامايىش ۋە باشقا تەشكىللىك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ يەنىمۇ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا 23-ماي زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلاپ، «پەۋقۇلئاددە قاتتىق تەدبىر، پەۋقۇلئاددە ۋاسىتە» لەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنى بىتچىت قىلىپ، بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، تەپتىش ئورگانلىرى تېز تۇتۇپ، تېز ئەيىبلەپ ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم مەركەزلىك ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، سازايى قىلىپ كوللېكتىپ سوراق قىلىپ، ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلدى. 5-ئىيۇن 23 دېلوغا چېتىشلىق 81 جاۋابكار سوتلاندى، 12 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، تەپتىش مەھكىمىسى 31‏-ماي يۇقىرىقى كىشىلەرنى رەسمىي قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان دېلونى ناھايىتى تېز بىر تەرەپ قىلىپ، 48 سائەت ئىچىدە تۇتقۇنلارنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىش «شىنجاڭنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى، مۇشۇنداق قىلغاندىلا جىنايەتچىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى خەتەرلىك ئۇنسۇرلارنى ئۈنۈملۈك جازالىغىلى ۋە چۆچۈتكىلى بولىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاچقان بۇ خىل ئوچۇق سوتىنى «قەبىھ» دەپ ئاتىدى ۋە ئادىل بولمىغان بۇنداق سوتلاش ئۇسۇلىنىڭ پەقەت ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى «بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن كوللېكتىپ سوتلىنىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇ، قانۇن تەرتىپ بويىچە ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا قىلىنغان زور بۇزغۇنچىلىق. ئۇ يەنە، تامامەن خەلقئارا قانۇنلارغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق بولۇپلا قالماي، بارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلغانلىق» دەپ قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئىككى كۈندىن بۇيان خىتاينىڭ ئاساسلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە ۋە ئوبزورلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە تەنقىدىگە پىسەنت قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ماقالىلەردە خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن سوت مەھكىمىلىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش داۋامىدا «تېز سوتلاش، تېز ھۆكۈم چىقىرىش، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش» پرىنسىپىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئايغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كوللېكتىپ سوت ئېچىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىشى خەلقئارالىق جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي پائالىيەتچىلەردىمۇ كۈچلۈك تەنقىدىي ئىنكاس پەيدا قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتاينىڭ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى داۋامىدا «تېز سوتلاش، تېز ھۆكۈم چىقىرىش، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ، خىتاي ئۆزىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «جىنايەت بىلەن جازانى قانۇندا بەلگىلەش» ۋە «جىنايەت ۋە جازا ئۆز-ئارا ماس كېلىش» پرىنسىپلىرىغا تۈپتىن خىلاپ، ئەدلىيە ۋە قانۇن فۇنكسىيەسىدىن ھالقىغان بىر سىياسىي ھۆكۈم بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق قانۇنىي ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى ئۆلۈم جازاسى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازالىرىغا مەھكۇم قىلىشىنىڭ قانۇنسىزلىق، ئىنسانىيەتكە قىلىنغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ۋە بۇ تۈزۈمنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن مەخسۇس پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىدىكى لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، داڭلىق خىتاي ئۆكتىچىسى خەيرىي ۋۇ ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۆزىگە قارشى ئىنسانلارنى شۇنداق قانۇنسىز سوتلاپ ئۆلتۈرۈپ، جازالاپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى چۆچۈتۈش ئۈچۈن قوللانغان بۇ ئۇسۇلىنىڭ ئەكسىچە رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇ خىل قاتتىق جازالاش ئارقىلىق، توغرا، ئۇيغۇرلارنى ئولتۇرۇپ قورقۇتماقچى، ئەمما ئۇ يەردىكى خىتايلار ئالدىراپ خوش بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئۇ جايدا ئەسلىدىنلا مىللىي زىددىيەت كۈچلۈك ئىدى، بۇ خىل باستۇرۇشلار غەزەپكە تولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىر مەزگىل بېسىپ تۇرالىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىنمۇ زور غەزەپ ساداسىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، ئىنسانلارغا قارشى جىنايەت ئىشلىدى دەپ ئاشكارا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇ پەقەتلا سىياسىي ھۆكۈم. بۇ ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىق، ئۇيغۇرلاردا تېررورچى يوق، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ قارشى پىكىردىكى ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق ئىشلىتىپ تۇتۇپ، سولاپ،سازايى قىلىپ تۇرۇپ ئاشكارا ئۆلتۈرۈشى قانۇنسىزلىق، مانا بۇ تېررورلۇق ھەرىكەت، بۇ ئىنسانغا قارشى ئېغىر جىنايەت.»

خەيرىي ۋۇ ئەپەندى يەنە «مەن ئۇيغۇر دوستلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۇيغۇرلار خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشى كېرەك، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسىتىنى ئېنىق تونۇپ ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك، ئۇ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا مېھرىبان بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپرىقىنى ئىگىلەش، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش بۇ مۇقەررەر، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن يەنە شۇنى كۆرۈۋاتىمەنكى، ئۇيغۇرلار بۇ نۇقتىنى بارغانچە تونۇپ يېتىۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگىتىۋېتەلمەيدۇ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى، ئۆزىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ بۇمۇ مۇقەررەر.»

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر يېقىندىن بۇيان تۈرلۈك پائالىيەت ۋە ئاخبارات ھەمدە تەشكىلاتلارغا دوكلات ھەم بايانات بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئېغىرلىتىپ، تېز، قاتتىق جازالاش بۇ قېتىمقى مەركەزلىك ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىشتەك ھەددىدىن ئاشقان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ميۇنخېندىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى رابىيە خانىمنىڭ چاقىرىقى بىلەن جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قەبىھ ۋاسىتىلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق بېسىم ھاسىل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررور سىياسىتىگە قارشى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىر تۇتاش كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش پائالىيەتلىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.