مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرگە قارشى دەرھال تەدبىر ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.11.12
James-Palmer-jeymis-palmer-uyghur-weziyiti.jpg «شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت» ناملىق سۆھبەت يىغىنىدا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇھەررىرلىرى جەيمىس پالمېر ئەپەندى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى سۆزلەۋېتىپ كۆز يېشى قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 29-ئۆكتەبىر، نيۇ-يورك.
Facebook

29-ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە «خىتاي ئارخىپلىرى» ژۇرنىلى ۋە نيۇ-يوركتىكى يورك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا «شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت» ناملىق بىر سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر سۆھبەتكە سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە ئامېرىكا لايولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى راين سام، ئەركىن ئاسىيا رادىيومىز مۇخبىرى گۈلچېھرە قېيۇم ۋە «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇھەررىرلىرىدىن جەيمىس پالمېر تەكلىپ قىلىنغان. «خىتاي ئارخىپلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى جېسسىكا بېتكىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەتتە كىشىنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ يېرىم قىلىدىغان ئەمەلىيەتلەر تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلار ناھايىتى تولۇق شەرھلەنگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭدا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى تەھرىرى جەيمىس پالمېر ئەپەندىنىڭ كۆز يېشى ئىچىدە ئۆزى ئالاقە قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ غايىب بولغانلىقىنى بايان قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى ناھايىتى روشەن كۆرسىتىپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئىجتىمائىي تور بەتلەردە زور ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. تۆۋەندە بىز مانا بۇ يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمىز.

يىغىن باشقۇرغۇچىسى جېسسىكا بېتكى خانىم يىغىننىڭ كىرىش سۆزىدە ھازىرغىچە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا ئاخبارات ئورگانلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە بىر مىليون ئادەمنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ھەتتا ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بارلىقىنى، لاگېرغا تۇتۇلمىغانلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە سىياسىي لېكسىيەلەرگە قاتناشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئېغىر ھادىسىنىڭ پۈتكۈل بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، پۈتكۈل بىر ئەۋلادتا ناھايىتى ئېغىر يارا پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ يىغىن ئارقىلىق نېمە قىلىشىمىز كېرەك دېگەنگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇنداق بىر سۆھبەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن، تارىخشۇناس راين سام سۆز ئېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلىرى بىلەن شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلى مەنچىڭ خانىدانلىقى مەزگىلىدە «شىنجاڭ» يەنى «يېڭى چېگرا» دېگەن نام بىلەن بېسىۋېلىنغان ۋە كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى بۇ بېسىۋېلىنغان زېمىننى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىزچىل ھالدا بېيجىڭنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا نارازى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ ۋە «شى جىنپىڭنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنى بىز بۇ قارشىلىقنى قانداق قىلغاندا يوقىتىمىز دېگەنگە ناھايىتى كەسكىن جاۋاب ئىزدەشتىن ئىبارەت» دەيدۇ.

ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن شى جىنپىڭنىڭ ئىلگىرى تىبەتنى ئىدارە قىلىشتا زور نەتىجە ياراتتى، دەپ قارالغان چېن چۈەنگونى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نارازىلىقنى بويسۇندۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ ھەرىكەتنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن غايەت زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقى سەۋەبلىك ئالاھىدە دىققەت تارتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن ئىستانسىمىز مۇخبىرى گۈلچېھرە قېيۇم ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەقەلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ بېسىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ياشاۋاتقان ھەربىر نەپەر ئۇيغۇرغا ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى. گۈلچېھرە سۆزىدە ئۇ 2001-يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا خىزمەتكە قاتناشقاندىن بېرى يۇرتىدىكى ئائىلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر نازارىتى ئاستىدا قالغانلىقىنى ۋە ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، ئىنىسى قەيسەر قېيۇمنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، قالغان 20 دىن ئوشۇق يېقىن تۇغقىنىنىڭمۇ لاگېرغا قامالغانلىقىنى بايان قىلدى.

راين سام قوشۇمچە قىلىپ: «گۈلچېھرەنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر پەقەتلا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئالاھىدە بىر ئەھۋال دەپ قارىلىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە، ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە خاس بىر ئەھۋاللىقىنى» ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن جېسسكا بېتكى خانىم سۆزنى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تەھرىرى جەيمىس پالمېرغا بەردى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆز تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى شەرھلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. جەيمىس پالمېر ئەپەندى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە گەرچە ھەممە مىللەتلەر ئورتاق مەۋجۇت بولغىلى بولىدۇ، ھەممە مىللەتلەر بىرلىكتە جۇڭخۇا دۆلىتىنى تەشكىل قىلىدۇ، دەيدىغان پىكىرلەر بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھېچقاچان ئەمەلىيلىشىپ باقمىغانلىقىنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر ۋاقىت چوڭ خىتايچىلىق، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ، باشقا مىللەتلەر بولۇپمۇ تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى «ياتلار» ياكى «تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى» كېرەك بولغان كىشىلەر دېگەن تەشۋىقاتلار بىلەن سۈپەتلەپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

جەيمىس پالمېر ئەپەندى سۆزىدە ئەسكەرتىپ: «بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىدە ناھايىتى ئېنىق بىر رادىكاللىشىش بار. جۈملىدىن ئۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، يەنى كىشىلەرنى خىتاي قىلىپ ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت چوڭقۇر بىر ئىستەك مەۋجۇت. شۇڭا پەقەت شىنجاڭدىلا ئەمەس خىتاينىڭ ھەممە يېرىدە ئانا تىل ئوقۇتۇشى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى» دەيدۇ.

جەيمىس پالمېر ئەپەندى سۆزىنى داۋام قىلىپ خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك مىللەت ئېڭى، يەنى «بىز خىتاي ئەمەس» دەيدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئاڭ بارلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە «دۈشمەن» دەپ ئېلان قىلغانلىقى، خىتاي جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى»دەيدىغان ئىدىيەنىڭ كەڭ تارقىتىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئاخىرى بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماشتەك ئاقىۋەت شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جەيمىس پالمېر سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنى «خەتەرلىك» دەپ قارايدىغان، ئەمەلىيەتنى بىلمەيدىغان خىتاي خەلقىنىڭ ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان لاگېر تۈزۈمىنى قوللايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

جەيمىس پالمېر ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ئۇ خىتايلاشقان بولسۇن بولمىسۇن ھەممىسىنىڭ ئورتاق ھالدا دۈشمەن قاتارىدا قارىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندا ئۆزى تونۇيدىغان بىر ئۇيغۇر ئايالنى مىسال كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئايال ناھايىتى مۇكەممەل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان بىر ئۇيغۇر ئايال بولۇپ، ئۇ خىتايچىنى سۇدەك سۆزلەيدىغان، ئىچكىرى ئۆلكىدە ناھايىتى ياخشى ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان، ئېرى خىتاي مىللىتىدىن بولغان، بالىسىمۇ يېرىم خىتاي بولغان بىر ئۇيغۇر ئايال. بىراق ئۇ بىر كۈنى بالىسى بىلەن باشقا بىر خىتاي ئۆلكىسىگە ساياھەتكە بارغىنىدا كىملىكىدە «شىنجاڭ» دەپ يېزىقلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا مېھمانخانىغا كىرە-كىرمەيلا يېرىم سائەت ئىچىدە نەزەربەندكە ۋە سوراققا ئېلىنغان. ئۇلار بىر ھەپتە بويىچە شۇ يەردە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇلارنى ساقچىلار ئۆزلىرى ئايروپىلانغا سېلىپ يولغا سېلىۋەتكەن. جەيمىس پالمېر: «مانا بۇ ھازىر خىتاي سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك دەرىجىدە ئىشەنمەيدىغانلىقىنىن’گ بىر ئۆرنىكى» دەيدۇ.

يىغىن جەريانىدا راين سام بۇ نۇقتىدا قوشۇمچە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن بىر سۆز بىلەن لاگېرغا سولىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئەڭ قاتتىق دەرىجىدە ئىجرا قىلىش بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئىستانسىمىز مۇخبىرى گۈلچېھرە يىغىندىكى سۆزى داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق كونترول قىلىشقا، ئۇلارنى ئۆزى خالىغانچە ئىشلىتىشكە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان «قوشماق تۇغقان بولۇش» قاتارلىق نۇرغۇن ئىنسان ئەقلى ئالمايدىغان سىياسەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ؛ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ قانداقتۇر ئىسلام بىلەن، قانداقتۇر باشقا جىنايەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېدى.

بۇ نۇقتىدا بولسا جەيمىس پالمېر سۆز قىستۇرۇپ: «مەن ئالاقە قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى غايىب بولدى» دەيدۇ. ئۇ كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ: «مەن ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتىمەن. چۈنكى ئۇلار غايىب بولدى. ھەتتا ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ۋاسىتە بولۇپ بەرگەن خىتايلار چېغىدا قولغا ئېلىنىپ كەتتى. مەن ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەر ئۈندىداردىن ۋە QQ تورىدىن غايىب بولدى» دېدى.

ئۇ سۆزى داۋامىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر چەتئەللىك بىلەن ئالاقە قىلىشىنىڭ ياكى چەتئەلگە چىقىشىنىڭمۇ ئۇ كىشىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامالنىڭ يوقىدا ئۆز يۇرتىدىن، ئۆز دۆلىتىدىن ۋاز كېچىپ چەتئەللەردە قېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۆز مىللىتىنى، ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چەتئەللەردە قېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى ۋە «بۇ تولىمۇ ئېغىر بىر بەدەل» دېدى. ئۇ، ھەتتا ئۆزىنى «خىتاينىڭ بىر قىسمى» دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنى خىتاي ئۈچۈنمۇ بىر «يوقىتىش» دەپ تەكىتلىدى.

بۇلارنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاخىرىدا، ئامېرىكىدىكى تونۇلغان خىتايشۇناس، خىتاي قانۇن تەتقىقاتچىسى پروفېسسور جېرىمىي كوخەن سۆز قىلىپ، بۇ يىغىنغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر پەقەت ئۆزى قول قويغان خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپلا قالماي، بەلكى بۇ ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىۋاتقان خەۋەرلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلارغا ئۆيلىنىشكە مەجبۇرلىنىشى ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەر بارلىقىنى، بۇنىڭ قانچىلىك توغرىلىقىنى سوراش بىلەن بىرگە، ھازىرقى مەسىلە: «خەلقئارا جەمئىيەت نېمە قىلىشى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت»، دېدى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ چوقۇم «ماگنىتسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، بۇ زۇلۇمنىڭ سەۋەبچىلىرىنى جازالىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «سەۋەبچى زادى كىم؟، ئەلۋەتتە شى جىنپىڭ. مانا ئۇ ئاخىرقى نۇقتا. ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭغا جازا تەدبىرى قويالايمىز دەپ ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ. شۇڭا مەنچە بىزنىڭ بۇ ھەقتە جامائەت پىكىرى قوزغىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇ مانا بۇ ئىشنىڭ بېشى. ئەگەر چېن چۈەنگوغا ئوخشاش بۇ ئىشنى ئىجرا قىلىۋاتقانلارغا جازا تەدبىرى قويۇلىدىكەن، دېمەك چېن چۈەنگوغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان كىشىگىمۇ جازا تەدبىرى قويۇلۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

جېرىمىي كوخەن ئەپەندى سۆزى ئاخىرىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامىلىپ، باشتىن-ئاياق ئۆزگىرىشكە مەجبۇرلىنىشىدەك بىر ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى، بۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. يىغىندىكى باشقا سۆزلىگۈچىلەرمۇ بۇ نۇقتىدا جېرىمىي كوخەن ئەپەندىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئاخىرقى مەقسىتى، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق بولمىغان بىر شارائىتتا بۇنىڭغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.