غەرب تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا ئىزچىل ئاۋانگارت ئورۇندا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2018.12.27
lager-atush-yepiq-terbiyelsh.jpg تېز سۈرەتتە كۆپىيىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» يەنى خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن بىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 3-دېكابىر، ئاتۇش.
AP

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى غەرب تاراتقۇلىرىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى ئاخباراتلاردىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ھەرخىل ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا چەك قويۇشقا تىرىشماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو 21-سېنتەبىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك يىللىق سايلىغۇچىلار ئۇچرىشىشىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «دەھشەتلىك خورلاش» دەپ ئىزاھلىغان. جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتىس ئۆزىنىڭ «شىنجاڭدىكى ۋەھىمە ۋە نەپرەت: 21 ‏-ئەسىردىكى ئېتنىك تازىلاش» ناملىق ماقالىسىدە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر تۈرى» دېگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن.

«زىمىستان تورى» ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا شۇنداقلا جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى مەنزىرىسىنى ئەينەن ھەم پاكىتلىق ئېچىپ بېرىشتە كۈچ چىقىرىۋاتقان غەربتىكى تور تاراتقۇلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر تور ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق خەلقئاراغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېچىپ كۆرسىتىشتە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، «زىمىستان تورى» نىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئامىل نېمە؟ مەزكۇر تورنىڭ باش مەسئۇلى ماركو رېسپىنتى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىنىڭ بىرى بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتتىن ھەربىر كىشىنىڭ چوقۇم خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «‹زىمىستان تورى› نىڭ ئاساسلىق دىققەت نۇقتىسى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك بۇزغۇنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بەكلا قورقۇنچلۇق. رايوندىن بىر مىليون ئادەم ئۇيغۇر بولغانلىقى ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالدى. خىتاينىڭ سىياسىتى ئىسلامنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى بولغانلىكى يەرلەرگە ۋە ئادەملەرگە قارىتىلغان. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مۇشۇ ۋەجىدىن بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا كىرىشتۇق.»

يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما غەربتىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ئۆز ھەرىكىتىنى توختىتىپ قويغىنى يوق. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىسنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» بويىچە جازا قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتايغا بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

بۇلار بىلەن بىر قاتاردا فىرانسىيە ۋە رۇسىيەنىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىشى، ئۇلارنىڭ نورمال دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى قاتارلىقلار ئاڭلىتىلىپ، دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن يەنىمۇ تولۇق بىر سەھنە ھازىرلاپ بەردى. بۇنىڭدىكى ئادەمنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان نۇقتا، رۇسىيە تېلېۋىزىيەسىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاڭلىتىلىشىدۇر. رۇسىيە ئىزچىل خىتاي بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە رۇسىيەدىكى مۇھىم تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىر بولغان «بۈگۈنكى رۇسىيە» دە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئاڭلىتىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

ھالبۇكى، يۇقىرىقىدەك دەلىل-پاكىتلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدە يەنىلا يوشۇرۇش پوزىتسىيەسىدە تۇرماقتا. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار تۇتۇلۇپ سولانغان جازا لاگېرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىلىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئاتالمىش «كەسىپ» ئۆگىنىپ، ھەرقايسى زاۋۇت-كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى ھەققىدىكى ئويدۇرمىلار ھەمدە تۇتقۇنلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىك ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، «خىتاي ھازىرغا قەدەر دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياپ كەلدى. چەتئەللىك بىر قىسىم مۇخبىرلار يېقىنقى بىر-ئىككى يىل مابەينىدە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، شۇ يەرنى تەپسىلىي كۆزەتكەندىن كېيىن، توپلىغان پاكىتلارنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە توختىماي ئاشكارىلىشى بىلەن خەلقئارادا خىتاينىڭ زادى قانداق ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىگە ئائىت كۆز-قاراشلار شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇ يەردە مۇخبىرلار بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ رولى بەك چوڭ بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي ئەمدى دۇنيانى بۇرۇنقىدەك ئالداپ كېتەلمەيدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىمۇ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.