ئۇيغۇربىز تورىنىڭ يېزىق تەھرىرى پەرھات خالمۇراتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 30-سېنتەبىر كۈنى توققۇزتارا ناھىيىسىدىكى ساقچى دائىرىلىرى پەرھات خالمۇراتنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكەرنى پاراكەندە قىلغان. پەرھات خالمۇرات ساقچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ۋە قوشنىلاردىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشى، ئائىلىدىكىلەرگە روھى جەھەتتىن زور بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،«مېنىڭ ئائىلەم ھازىر قورقۇنچ ئىچىدە، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئاللىقاچان پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى. ئائىلىمىزدىكىلەر ھەر كۈنى دەككە-دۈككە ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ» دېگەن.
پەرھات خالمۇرات يەنە سىڭلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، توققۇزتارا ناھىيىسىدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى سىڭلىم ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە بېرىپ، سىڭلىم بىلەن «سۆھبەتلىشىپتۇ». سىڭلىم ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى. دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى سىڭلىمنىڭ پسىخىكىسىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى» دېگەن.
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 3-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە توققۇزتارا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ 30-سېنتەبىر كۈنى پەرھات خالمۇراتنىڭ غۇلجا توققۇزتارا ناھىيىسىدىكى ئۆيىگە بارغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، پەرھات خالمۇرات 28-سېنتەبىر كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 16 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، توققۇزتارا ساقچىلىرى ئۇنىڭ غۇلجا توققۇزتارا ناھىيىسىدىكى ئۆيىگە بارغان. ساقچىلار پەرھاتنىڭ ئانىسىدىن پەرھاتنىڭ كىملىك نومۇرىنى سورىغان، ئاندىن ئۇنىڭ كىملىك نومۇرىدا مەسىلە بارلىقىنى ۋە پەرھاتنىڭ كىملىكىگە قارىتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى ساقچىلار يەنە پەرھاتنىڭ قولۇم -قوشنىلىرىدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى پەرھاتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بىئارام قىلغان.
پەرھات خالمۇرات 30-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا،ساقچىلارنىڭ ئۇنى ئىستانبۇل سەپىرىدىن توسۇپ قېلىپ، 16 سائەت تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن، مەكتەپكە ئەكېلىپ قويغانلىقىنى، ئەمما يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە ھەرقانداق باھانىدە چەتئەلگە چىقىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا زادى نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە 16 سائەتتىن كېيىن يەنە نېمە ئۈچۈن ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمەستىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەينى چاغدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پەرھات خالمۇرات يەنە، ساقچىلارنىڭ ئۇنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىشى ئۇنىڭغا روھى جەھەتتىن ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پەرھات خالمۇرات ئىستانبۇل سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنغان تۇنجى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئەمەس. بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان مۇتەللىپ ئىمىن ئىسىملىك ئوقۇغۇچىمۇ، ۋەتەن زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئىستانبۇلغا قايتىش سەپىرىدە بېيجىڭ ئايرودرومىدا «غايىب قىلىنغان» بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغىچە مۇتەللىپ ئىمىننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. مۇتەللىپنىڭ قىز دوستى ئاتىكەم روزى ئۇيغۇر بىز تورىدا مۇتەللىپ ئىمىننىڭ «مەجبۇرى غايىب قىلىنغان»لىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇتەللىپنى بېيجىڭ ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.