بىر ئائىلىنىڭ پاجىئەسى: «ئاچا-سىڭىل تۇتقۇندا، ئىگىسىز قالغان 4 بالىنىڭ دېرىكى يوق»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.02.08
uyghur-ayal-balisi-bala.jpg يىغلاۋاتقان بالىسىنى بەزلەپ، قۇچاققا ئېلىپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر ئايال. 2015-يىلى 15-ئاپرېل، خوتەن.
AFP

بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى «ئالتۇن بۇلاق سودا سارىيى» دا تىجارەت قىلىدىغان قەلبىنۇر توختى ۋە شىرىنئاي توختى ئىسىملىك ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەن تۇتقۇن قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ تاجىگۈل توختى ئىسىملىك سىڭلىسى 2009- يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنىپ كېيىن جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. ئىگىلىشىمىزچە، تۇتقۇن قىلىنغان بۇ بىر جۈپ ئاچا-سىڭىلنىڭ ئىگىسىز قالغان 4 بالىسىنىڭ ئەڭ چوڭى 12 ياش، كىچىكى ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن ئىكەن. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ ئائىلىنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى ئىگىسىز قالغان بالىلارنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز يېقىندا تاپشۇرۇۋالغان بىر ئىنكاستا 2000-يىللاردا مەخسۇس سەھنە كىيىملىرىنى لايىھەلەش ۋە ئۇيغۇر ئارتىس-رىياسەتچىلىرى ئۈچۈن كىيىم زاكازلىرى قوبۇل قىلىپ تونۇلغان قەلبىنۇر توختى ۋە ئۇنىڭ پەردە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سىڭلىسى شىرىنئاي توختىنىڭ 2017-يىلىدىكى تۇتقۇندا ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ ئائىلىنىڭ چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرىدىن ئارزۇگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن قەلبىنۇر توختى 2017-يىلى 8-ئاي مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. قەلبىنۇر توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا ئىككى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج تاۋابىئاتى ئۈچۈن بېرىپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۇغقانلىرى قەلبىنۇر توختىنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۇنىڭ ئۆلۈم مۇراسىملىرىدا خالىسانە تەبلىغ قىلىدىغان دىنىي ئېتىقادى مۇستەھكەم بىر ئايال ئىكەنلىكى ۋە 3 بالىسىغا قويۇلغان سۈرەييە، سۈمەييە، يەھيا قاتارلىق ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش بۇيرۇقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى بىۋاسىتە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ يىل، يەنى 2018-يىلى 1-ئايدا قەلبىنۇر توختىنىڭ خوتەن كېرىيەلىك ئېرى مەمەت سالىھنىڭمۇ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى كەلگەن.

تۇتقۇنلارنىڭ يەنە بىرى شىرىنئاي توختى بولۇپ، ئۇنىڭ يولدىشى 5 يىل ئىلگىرىلا كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەلكەن ئىكەن. شىرىنئاي پەردە تىجارىتى بىلەن روناق تېپىپ بېيىغان، كىچىكىدىن خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان، ئادەتتە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ كەتمەيدىغان ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئارزۇگۈل خانىمنىڭ پەرەز قىلىشىچە، شىرىنئاي توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ ھەدىسى قەلبىنۇر توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى چەتئەلدىكى تۇغقانلىرىغا يەتكۈزگەنلىكى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئارزۇگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەننىڭ تاجىگۈل ئىسىملىك يەنە بىر سىڭلىسى 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە ئېرى بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. كېيىن ساقچىلار سىرتقا ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن تاجىگۈل توختىنىڭ ئۆلۈكىنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن ئىكەن. ئارزۇگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن بۇ ئائىلە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان ۋە «قارا تىزىملىك» تىن ئورۇن ئالغان ئىكەن.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئارزۇگۈل خانىم يەنە نۆۋەتتە بۇ ئائىلىدە ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەننىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى بىلەن 4 بالىنىڭ ئىگىسىز ۋە بېقىمسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە شىرىنئاي توختىنىڭ 12ياشلىق قىزى زىلالە غوپۇر، قەلبىنۇر توختىنىڭ ئاتالمىش «دىنىي تۈس ئالغان ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىش» تەلەپ قىلىنغان 8 ياشلىق قىزى سۈرەييە، 6 ياشلىق قىزى سۈمەييە ۋە 3 ياشلىق ئوغلى يەھيانىڭ ئىز- دېرىكىنى ئېلىشنىڭ قىيىن بولۇۋاتقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ئىگە-چاقىسىز قالغان بۇ بالىلارنىڭ ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى كوللېكتىپ يەسلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇشى ۋە ياكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىۋېتىلگەنلىك ئېھتىمالىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ بالىلارنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.