ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتېرنېت مەشغۇلاتلىرىغا قارىتا نازارەت ۋە جازالاش داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.09.06
ababekri-muhemmet-uchur-erkinliki.jpg 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا ئۇچۇر يوللىغان 22 ياشلىق ئابابەكرى مۇھەممەت خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
Social Media

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت تورى ۋە يانفونغا قاراتقان نازارەت قىلىشى قاتتىق كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئىنتېرنېت تورىدا قىلغان مەشغۇلاتى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، دېلو تۇرغۇزۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تور باشقۇرۇش دائىرىلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، باشقىلار تورغا چىقارغان ئاتالمىش قانۇنسىز مەزمۇنلارنى كۆرۈشنىڭمۇ قانۇنسىزلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى دەلىللەندى.

خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىنتېرنېتقا قاراتقان كونترولىنى ۋە كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ئۇچۇرغا ئېرىشىشتەك ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت تورىدا قىلغان مەشغۇلاتلىرىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى ھەم ئۇنى جازالاشنى داۋام قىلماقتا. تېخى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يەتتە نەپىرى ئۇيغۇر، جەمئىي 13 كىشىنى ئىنتېرنېت تورىدىكى ئاتالمىش «قانۇنسىز» مەشغۇلاتلىرى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، 5-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك تارماق ئەترىتى خوتەندىكى بىر تورداشنىڭ «سىنا بىلوگى» دا «تېررورلۇققا ئائىت ئىغۋا» تارقاتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ، مۇشۇ خىلدىكى ئىنتېرنېت تورىدا قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان دېگەن جىنايەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان. جۈملىدىن، 5-ئاينىڭ 2-كۈنى يېڭى «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلىپ، تېلېفون ئەپلىرى ئارقىلىق «زىيانلىق» ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنىڭ قىلمىشىغا قاراپ تۇرۇپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە جىنايى جازا بېكىتىشنى قارار قىلغاندىن بېرى، ئارقىمۇ-ئارقىدىن مۇشۇ خىلدىكى دېلولار ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ ئاھالىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغان خەۋەرلەر كۆپەيگەن ئىدى.

بىز ئۇيغۇر رايونلۇق ئىجتىمائىي ئالاقە تورى قانۇنسىز ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، توردا قانداق مەزمۇنلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. تېلېفونغا چىققان خادىم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئادەتتە «زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت مەزمۇنلار، دىنى رادىكاللىق ۋە شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي-سىياسىي ۋەزىيىتى، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار» نىڭ ھەممىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ مەزمۇن دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ پاش قىلىش تېلېفونىدىكى خادىمنىڭ سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، توردا بۇنداق مەزمۇنلارنى ھەمبەھىرلەشلا ئەمەس، باشقىلار تەرىپىدىن ھەمبەھىرلىگەنلەرنى كۆرۈشمۇ ۋە ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ پاش قىلماسلىقمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارىلىدىكەن.

دەرۋەقە، پەيشەنبە كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك تارماق ئەترىتى تەرىپىدىن ئۇ بىر نەپەر تورداشنىڭ توردا ئىغۋا تارقاتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىغا ئائىت خەۋەردە يەنە ئىغۋا تارقاتقانلاردىن سىرت، ئىغۋاغا ئىشەنگۈچىلەرنىڭمۇ جازالىنىدىغانلىقى ئېنىق قىلىپ يېزىلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «تور دۇنياسى قانۇننىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئىغۋا توقۇش، ئىغۋا تارقىتىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ، كەڭ تورداشلار توردىكى يالغان-ياۋىداقلارغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىغۋا تارقاتماي، ئىغۋا توقۇماي، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، دەلىللەنمىگەن ئۇچۇرلارنى خالىغانچە تارقاتماسلىقى، خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قەستەن ئىغۋا تارقاتقۇچىلار، ئىغۋاغا ئىشەنگۈچىلەرنى ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدۇ.»

بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانۇنچىلىق تور بېتىنىڭ ئۈندىداردىكى سەھىپىسىدىمۇ ئىلگىرى مۇشۇ خىلدىكى بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان ئىدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن:
«بەزىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سەزگۈرلۈكى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئېڭىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى سەۋەبلىك يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھازىر رايونىمىزدا توردىكى جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھازىر بەزى تورداشلار ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تازا ئېرەڭشىمەي تۇرۇپ چەمبەرگە چىقىرىپ قويغان يازما، سۈرەتلىرىدىن، ھەمبەھىرلىگەن ئۇلانمىلىرىدىن غەم يەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرماقتا. تورغا كۆپ نەرسە يوللايدىغان تورداشلارنىڭ بۇ ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇلار بۇرۇن نېمە چىقىرىپ قويغاندىمەن، قانداق تېمىغا يۈرەك بېرىپ قويغاندىمەن دېگەندەك خىياللار بىلەن خاتىرجەملىكى بۇزۇلماقتا.... ئەگەر ئۈندىدارنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇشىنى خالىمىسىڭىز ئۇ ھالدا ئۈندىدار ھېسابىڭىزنى مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈۋېتىڭ، تېڭشۈن شىركىتى يېقىندا ئۈندىدارغا ھېساباتنى بىراقلا ئۆچۈرۈۋېتىدىغان ئىقتىدارنى قوشتى»

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بولسا يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى ئۇيغۇر ئېلىدە بەرپا قىلىنىۋاتقان «ساقچى دۆلىتى» سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ ‹ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى› قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنى نازارەت قىلىشنى مىكرو دەرىجىگە ئېلىپ باردى. ئۇلار كىشىلەرنىڭ تېلېفونلىرىنىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنىمۇ، يەنى ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنىمۇ كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتىدۇ. بۇ بىزگە خىتاي ھۆكۈمىتى توغرۇلۇق نېمىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، دېگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇشتا پەقەت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇش ۋە رايوننى ھەربىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندى. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ، سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ھالىغا ئەكېلىمىز دەيدىغان چۈشەنچىدىن نېرى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى پەقەتلا تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تەدبىرى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت.»

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان تەقىب ۋە كونترول سىستېمىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالار ئۈستىدە مۇتلەق كونترولنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.