«2015-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش داۋاملىق كېڭەيگەن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.01.27
xitay-saqchi-herbiy-maniwer-xoten.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» مانېۋىرىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 6-ئىيۇن، خوتەن.
AFP

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، 2015‏-يىلى خىتايدا ئىپادە ئەركىنلىكى، يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كەڭ كۆلەملىك بوغۇشقا ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، بۇ بىر يىلدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت تۈرلىرىنى 46 گە قىسقارتىش، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىشىنى قۇلايلاشتۇرۇش قاتارلىق بەزى ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى سەلبىي يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان.

دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي باشلىقلار ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى رەت قىلىپ، بۇنى ‹چەتئەلنىڭ سىڭىپ كىرىشى› دەپ سۈرەتلەپ كەلدى. بۇ ئىدىيەنى قوللىغانلارنى جازالىدى. (دائىرىلەر) بەزى يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئەسلىدىنلا ئىنتايىن چەكلىك ئىپادە ۋە دىنىي ئەركىنلىككە قاتتىق زەربە بەردى.»

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كەننىس روت چارشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، 2015‏-يىلى خىتاي قاتارلىق ئىستىبدات دۆلەتلەردە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باستۇرۇش كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كەننىس روت بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىغان ئالاھىدە نۇقتا شۇ، ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن قورقۇپ كەتتى. ھازىر شۇ نەرسە روشەنلەشتىكى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ياردىمىدە بولۇپمۇ تور ۋە قول تېلېفونلىرىنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ كۈچلەندى. چۈنكى، بۇ، يېڭى تېخنىكا بىلەن قوراللانغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خەلقنى تېخىمۇ ئاسان تەشكىللەپ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى قولايلاشتۇردى. بىز بۇنىڭ كۈچىنى ئەرەب باھارىدا، ئۇكرائىنا مەيدان ئىنقىلابىدا، خوڭكوڭ مەركەزنى ئىشغال قىلىش ھەرىكەتلىرىدە كۆردۇق.»

كەننىس روت يەنە، ئىستىبدات دۆلەتلەردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەدە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كەننىس روت مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن قورقۇش ئەھۋالى رۇسىيە بىلەن خىتايدا ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەندى. چۈنكى، پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ ھەر ئىككىسى ئۆز خەلقى بىلەن غىيابى توختام تۈزدى. ئۇلار شۇنى دېدى، مەن سىلەرگە ئىقتىسادى گۈللىنىش ئېلىپ كېلىمەن، ئەمما سىلەر بىزنى جاۋابكارلىققا تارتمايسىلەر. بىراق، بۇ توختام ئىقتىساد داۋاملىق ياخشى بولسا ئاقاتتى. ئەمما ھازىر ئىقتىسادى قىيىن ئەھۋالدا. ھازىر ئۇ رەھبەرلەر خەلقنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىن ۋە ئىسيان كۆتۈرۈشىدىن قورقۇۋاتىدۇ. نەتىجىدە، بىز رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باستۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.»

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 2016-يىللىق دوكلاتىدا يەنە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا كەمسىتىش، باستۇرۇش ۋە ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى چەكلەش داۋاملىق كېڭەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ رايوندا ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، بۇ مەزگىلدە «مەركىزى ۋە يەرلىك سىياسەتكە قارشى تىنچ نارازىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن بىرگە، پارتلىتىشقا ئوخشاش زوراۋانلىق ۋەقەلەر ئوخشاشلا يۈز بەردى. ئەمما دائىرىلەر شىنجاڭدا ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلغاچقا بۇ خىل زوراۋانلىق ياكى تىنچ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى بەك مۈجمەل» دەپ كۆرسەتكەن.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي مەزكۇر دوكلاتنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ، مۇستەقىل خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ خىل دوكلاتلارنى ئېلان قىلىشى مەسىلىنى ھەل قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇ غەرب ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرمەمەت مۇساباي، «بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى بولمىغان بىلەن ئۇلارنىڭ بىتەرەپلىك سالاھىيىتى بىلەن توپلىغان مەلۇماتلىرى ياۋروپا بىرلىكىگە ئوخشاش ئەمەلىي كۈچى بار تەشكىلاتلارنىڭ تەدبىر ئېلىشىغا پايدىلىق. ئاۋۇلارنىڭ توپلىغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ماۋۇلار ئىشىنىدۇ ۋە ئېتىبار بېرىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يوللىغان بۇ دوكلاتى ئەلۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خەلقئارا سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئاز-تولا پايدىسى بار. چۈنكى، بۇ خەلقئارا ئورگانلار كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش بۇ تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىغا قارايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەلىرىنى ئاساسلىق مەنبە، توغرا مەنبە، دەپ ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ دوكلاتلىرىدىن كەلگۈسىدە پايدىلىنىدۇ» دېدى.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئۆكتىچىلىكنى جىنايىلاشتۇرغانلىقىنى، دىنىي ئېتىقادنى چەكلىگەنلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ، «خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا باشلىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى 2015‏-يىلى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، رايونغا تېخىمۇ كۆپ ئامانلىق كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. يېڭى قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، ئۆكتىچىلىكنى جىنايىلاشتۇرغان، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادىتىگە چەكلىمە قويغان. 2014‏-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان دائىرىلەر تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان، قولغا ئالغان ياكى ئۆلتۈرگەن. ساقچىلار ئۇلارنىڭ قانۇنسىزلىق قىلغانلىقى ياكى تېررورلۇق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ قارىشىنى مۇستەقىل ئېنىقلاپ چىقىش مۇمكىنچىلىقى يوق.»

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي 2015-يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئەڭ ئېغىرلاشقان بىر يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى ئامانلىق كۈچلىرىگە زور ھوقۇقلارنى بېرىشى رايوندا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇرمەمەت مۇساباي، «بىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى چەتئەلنىڭ ئاكتىپ بېسىمى بولمىدى خىتايغا. مەسىلەن، خەلقئارا تەشكىلاتلار، بەزى دۆلەتلەر دوكلات يىغىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۇيغۇر رايونىغا ياكى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ كۆزىتىپ كەلگەن بىلەن خىتايغا قارشى كەسكىن بىر تەدبىر ۋە قارار چىقارمىغاچقا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىدە رەسمىي ئۆزگىرىش بولمىدى. بەلكى يىلدىن-يىلغا يامانلىشىشقا قاراپ ماڭدى.

مەسىلەن، خالىغانچە تۇتۇش، كوچىدا ئېتىۋېتىش، بۇ ئۆكتىچىمۇ ياكى نامايىشچىمۇ دېمەسلىك، بىر دېھقاننىڭ قولىدا دېھقانچىلىق ئەسۋابى بولسىمۇ ئېتىۋېتىش، مانا مۇشۇنداق ئەسەبىي ھەرىكەتلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلدى. دېمەك، خىتايدا پۇقرالارنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكىتى بىلەن تېررورلۇق، قوراللىق كۈرەش پەرقلەندۈرۈلمەي باستۇرۇپ كەلدى.» دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە، ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل يانۋاردا ئېلان قىلغان دىنىي ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىسىنى تەنقىدلەپ، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنى چولتا، سۆز ئىبارىلىرىنىڭ مۈجمەل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىسىدە، «ئەسەبىي دىنىي قىياپەتلەر، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە زېھنى ساغلاملىقىغا زىيانلىق پائالىيەتلەر»نىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا، دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي بۇيرۇقلارنى چۈشۈرۈپ، خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى ياكى ئۇلارنى روزا تۇتماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، 2015‏-يىلى «3‏-ئايدا خوتەندىكى بىر مەھكىمە ‹قانۇنسىز› دىنىي كۇرسقا قاتناشقان 25 نەپەر ئۇيغۇرغا ‹دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان› دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلدى» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.