كۇچا ئالىقاغا توقۇنۇشىدا نامايىشچىلاردىن ئاز دېگەندە 5 كىشىگە ئوق تەككەن، ئىككىسى نەق مەيداندا ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014-05-21
Share
pichan-lukchun-saqchi-charlash.jpg پىچان لۈكچۈن ۋەقەسىدىن كېيىن ساقچىلار ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ رەسىمگە تارتىشىنى توسۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 27-ئىيۇن، پىچان.
AFP

تۈنۈگۈن كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئالىقاغا بازىرىدا يۈز بەرگەن نامايىش ۋە توقۇنۇشنى باشتىن-ئاخىرى كۆرگەن ۋە نەق مەيداندا خىزمەت قىلغان بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدە نامايىشچىلاردىن 5 كىشىگە ئوق تەككەن ۋە ئىككىسى نەق مەيداندا ئۆلگەن.

خىتاي تەرەپتىن بازار باشلىقى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ جەمئىي 8 كىشى يارىلانغان. خىتاي قوراللىق قىسىم ئالاھىدە ئەترىتى نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغاندىن كېيىن، تەرەپ-تەرەپكە قاچقان كىشىلەردىن 30غا يېقىنىنى نەق مەيداندا تۇتقان، قالغانلىرىنى ئارقىسىدىن قوغلاپ مەھەللە ۋە ئۆيلىرىدىن تۇتقان. تۈنۈگۈن ۋەقەدە تۇتۇلغانلارنىڭ سانى 79 نەپەر بولغان بولسا، بۈگۈنكى تۇتۇلغانلار بىلەن تۇتقۇنلارنىڭ سانى 100دىن ئاشقان؛ تۇتقۇنلار كۇچا ناھىيىلىك قاماقخانا ياكى تۈرمىگە سولانغان. نۆۋەتتە يەنە تۇتقۇن كەڭ-كۆلەمدە داۋام قىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە جەريانىدا بازارلىق ھۆكۈمەت قورۇسىنىڭ دەرۋازىسى ۋە كۇچا ناھىيىلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقا دېرىزىسى چېقىۋېتىلگەن.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت