ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.06.27
wakaletsiz-milletler-13-qurultay.jpg ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پەخرىي رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2017-يىلى 27-ئىيۇن، شوتلاندىيە.
RFA/Ekrem

26-ئىيۇن باشلانغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 27-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھىم قارارلار قوبۇل قىلغان.

شوتلاندىيە پارلامېنتىدا 26-ئىيۇن باشلانغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پەخرىي رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بۈگۈن نەق مەيداندىن مەلۇمات بېرىپ، بۈگۈنكى يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق مۇھىم قارارلارنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قارارلار ھەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (ئۇ ن پ ئو) باش كاتىپى مارىنو باسدۇخېن ئەپەندىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قوشقان ھەسسىسى ئۈچۈن چىمەن دوپپا ۋە باشقا خاتىرە بۇيۇملىرى تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى نامىدىن رەھمەتلەر بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا يەنە 5 مىللەت ۋە رايون خەلقىنىڭ يېڭىدىن ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى 40 مىللەت ۋە دۆلەتتىن، 45 كە كۆپەيگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۈگۈن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىندا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە بۇ مىللەتلەر ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. چۈشتىن كېيىن بولسا، د ئۇ ق تەرىپىدىن ھازىرلانغان «شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى قارار لايىھەسى» مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار قارارلار قوبۇل قىلىنغان.

قوبۇل قىلىنغان قارارلار ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنى قانۇنىي يوللار ئارقىلىق، خەلقئارانىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگلىرىنى ئادالەتلىك شەكىللەردە ئېلىپ بېرىشقا ۋە ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆز قانۇنلىرى دائىرىسىدە ھېچ قانداق شەرت قويماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى، تور بەت ساھىبلىرى، سەنئەتكارلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق دائىرىسىنى تارايتىش ئۈچۈن چىقىرىۋاتقان تۈرلۈك قانۇن-نىزاملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش، پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىشتەك قانۇنسىزلىقلارنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلگەن، قامالغان، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرىشىنى ۋە خەلقئارالىق مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىگە ئىجازەت بېرىشىنى سورايدىغانلىقى، خىتاينىڭ قارار مېخانىزمىغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلۇشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغانلىقى» قاتارلىق كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

1991-يىلى گوللاندىيەنىڭ گاگا شەھىرىدە قۇرۇلغان، دەسلەپكى يىللىرى رەئىسلىك سىستېمىسىدا ئىش يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، كېيىنكى يىللىرى باش كاتىپلىق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارىنو باسدۇخېن ئەپەندىمۇ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى سەۋەبنىڭ، كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىغا جانلىق ئىنكاس بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بىر مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلار بىلەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھېچقاچان ھۆرمەت قىلغىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنى مۇستەملىكە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى بەرگەن ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقلارغىمۇ رىئايە قىلمايۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپلا قالماستىن، خىتاي خەلقى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەقلىرىنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىمىز ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىشنى مۇھىم مەجبۇرىيەت سانايمىز. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز، خىزمىتىمىز تاكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلغۇچە داۋاملىشىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.