بالتىموردىكى ۋەقەلەرنى ئەيىبلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمىنى ئۇنتۇپ قالدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ ماريلاند شىتاتىغا قاراشلىق بالتىمور شەھىرىدە بىر قارا تەنلىك ياش بالا ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جەرياندا ئۇمۇرتقىسى زەخمىلىنىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا بولۇپ، بالتىمور شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەردى. بۇ ۋەقەگە قارىتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەجەپلىنەرلىكى، بالتىمۇردىكى ۋەقە خىتاي ئاخباراتلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان خەلق گېزىتى بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، بۇنى ئامېرىكىدىكى سېستىمىنىڭ چۆكۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. چەتئەل ئاخباراتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالتىمۇردىكى ۋەقەگە باھا بېرىشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئېلىدىكى قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تىلغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بالتىمور شەھىرىدىكى 25 ياشلىق قارا تەنلىك ياش فرېددى گرېي 12 - ئاپرىل كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ساقچى مىنىبۇسىغا قويۇلغان. ئۇ بۇ مىنىبۇستا ساقچىخانىغا ئەپ كېتىلىۋاتقان جەرياندا ئۇمۇرتقىسى زەخمىلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. گېرېينىڭ ئۆلۈمى بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ساقچىنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بولۇشى ناھايىتى كۈچلۈك ئەكس تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. مىڭلىغان كىشى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، گېرېينىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابىنى بېرىشنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلارنىڭ جازالاندۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. نامايىشلار بىر قانچە كۈن قاتتىق داۋام قىلدى. ئەمما ئۇ جەرياندا بەزىلەر نامايىشنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئۇنى بۇلاڭچىلىق قىلىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان بولغاچقا، شۇ رايوندىكى دۇكانلارغا، رېستورانلارغا، ئىش يەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇزۇپ - چاقىدىغان، كۆيدۈرىدىغان، بۇلايدىغان ۋەقەلەر كۆرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن شەھەرگە نۇرغۇن ساقچى سەپلەندى. بىر قانچە كۈن كېچىدە كوچىغا چىقىش چەكلەندى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ رەسمىي زىيارىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى سەۋەبى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تۇرۇپ بالتىموردىكى ۋەقەلەر ئۈستىدە بايانات بەردى. ئۇ سۆزىدە فرېددىي گېرېي ئائىلىسىدىن ھال سورىدى ۋە ئۇنىڭغا زادى نېمە بولغانلىقىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ۋە ئادىل بىر شەكىلدە تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ۋە مەسئۇلىيىتى بارلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بالتىمور ساقچى دائىرىلىرى فرېددى گېرېينى قولغا ئېلىشقا قاتناشقان 6 نەپەر ساقچىنى «ۋەزىپىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، زورلۇق ئىشلىتىش» دېگەن جىنايەت گۇمانى بىلەن قولغا ئالدى. ئەگەر كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشلەر ۋە ساقچىنىڭ تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە گرەينىڭ ئۆلۈمىگە ساقچىنىڭ زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىشى رول ئوينىغانلىقى ئىسپاتلانغان تەقدىردە بۇ 6 ساقچى سوتقا چىقىرىلىپ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىكەن.

ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ئەلۋەتتە ھەرقايسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ بىردەك خەۋەر قىلىندى. بىراق، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ۋەقەنى خەۋەر قىلىش شەكلى بولسا ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان خەلق گېزىتى بولسا 30 - ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئىبارىلەرنى قوللاندى :

بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدا ئېرق ھادىسىسى ۋە توقۇنۇشنىڭ قايتا - قايتا يۈز بېرىشى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ تۈزۈم جەھەتتىن زەئىپلىشىۋاتقانلىقىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. بۇ ۋەقە ئەمەلىيەتتە باراۋەر جەمئىيەت بەرپا قىلىش دېگەن سەپسەتىسىنى يوققا چىقاردى. توختىماي يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەقەلەر شۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، ئاتالمىش «ھەممە كىشى باراۋەر تۇغۇلىدۇ» دېگەن سەپسەتىنىڭ بۇ ئاتالمىش «جەننەت دۆلىتى»دە تېخى يىلتىز تارتىپ بولالمىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. ئامېرىكىدىكى قارىلارغا قارىتىلغان تەڭسىزلىك تۈگىمىگەن تەقدىردە بۇنداق نامايىشلارمۇ ھەرگىز ئاياقلاشمايدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئايرىم بىر ۋەقەنى ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلايدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ خەلق گېزىتى چىقارغان بۇ مۇلاھىزە چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەنگىلىيىنىڭ رويترس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلدى :

- كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى داۋاملىق ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي بۇنىڭغا ئوخشاش قايتۇرما زەربە بېرىدىغان پۇرسەتلەرنى ئاسانلىقچە قولدىن بەرمەيدۇ. خىتاي ھەر يىلى تېخى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى باھالاپ يىللىق دوكلات ئېلان قىلىدۇ... خىتاينىڭ خەلق گېزىتى بۇ خەۋىرىدە ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى يەنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتىدىكى كۈندىن - كۈچىيىپ كېتىۋاتقان تەڭسىزلىك ۋە مىللىي كەمسىتىشنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى. ئۆتكەن ئىككى يىل جەريانىدا ئۇ يەردە يۈزلىگەن كىشى ئۆلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئىسلام مىللىتانلىرىنى ئەيىبلەيدۇ. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىغا قىلىۋاتقان بېسىمىنى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەنبەسى، دەپ كۆرسەتمەكتە. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ يەردە كەمسىتىش مەۋجۇتلىقىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. خىتاينىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كوممۇنست پارتىيىسى خىتايدا ھەرقانداق يوسۇندىكى نامايىشلارغا قەتئىي يول قويمايدۇ.

خىتايدىكى مەتبۇئاتلاردا بالتىموردىكى ۋەقە ئېرق ھادىسىسى، ئېرقىي توقۇنۇش دېگەن ئىبارىلەر ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان. بىراق، بالتىموردىكى نامايىشلارغا قاتناشقانلار ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئاق تەنلىكلەرمۇ ۋە ئامېرىكا جەمئىيتىنى تەشكىللەيدىغان باشقا مىللەتلەرمۇ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە ئادۋوكاتىمۇ ئاق تەنلىك ئايال. قولغا ئېلىنغان 6 نەپەر ساقچىنىڭمۇ 3 نەپىرى قارا تەنلىك، 3 نەپىرى ئاق تەنلىك. يەنى بۇ نامايىشنى ھەرگىزمۇ ئېرق توقۇنۇشى دەپ ئېيتىشقا بولمايتتى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئامېرىكىدا قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشى باراۋەرلىكىنى، بۇ دۆلەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا جىنايەتچى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى. «بالتىموردا بولۇۋاتقانلار ۋە خىتاينىڭ كۆرگەنلىرى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئوخشاشلا خىتاينىڭ خەلق گېزىتىنىڭ ناھايىتى خوشاللىق بىلەن بۇ ۋەقەنى ئامېرىكىنى ئەيىبلەيدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى تىلغا ئېلىندى ۋە «تەبىئىي ھالدا بۇ يەردە خىتاي ئۆزىدىكى ئېتنىك زىددىيەتلەرنى، مىللىي كەمسىتىشنى، ئۇيغۇرلارغا ۋە تىبەتلەرگە يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى» دەپ بايان قىلىندى.

2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ھۆكۈمەتتىن شاۋگۈەندىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ قاتىللىرىنى تېپىپ جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تىنچ نامايىش قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ياشلارنى ئوققا تۇتۇپ، ۋەقەنى قانلىق باستۇرغان ۋە كەڭ - كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بارغان. مىڭلارچە كىشىنى قاماققا ئالغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە مەيلى شاۋگۈەندىكى ۋەقەلەرگە ياكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچى خادىملىرىنىڭ بىرەرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ باققىنى يوق. ئاقسۇ شاياردا قىزىل چىراقتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن 17 ياشلىق بالىنى ئېتىۋەتكەن ساقچى تېخى جاۋابكارلىققا تارتىلغىنى يوق. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ، خىتايدا بۇنداق تەڭسىزلىكنىڭ دۆلەت قولى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى بۇ مەسىلىدە يەنە ئوخشىمايدىغان بىر نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بولسىىمۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قارا تەنلىكلەرگە بولغان كۆز قارىشى. ئۇنىڭدا بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت ئاۋازى خەلق گېزىتى قارىماققا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئېرقچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن بىلەن، خىتايدىكى چ چ، ۋېيشىڭ، سىنا ۋە بوشۇن قاتارلىق داڭلىق مۇنازىرە ۋە ئۇچۇر تور ۋاستىلىرىدىكى ئىنكاسلار بولسا پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولغان. نۇرغۇنلىغان خىتاي تورداشلىرى ئوچۇق - ئاشكارا قارىلارنى كەمسىتكەن، ئۇلارنى ئوچۇق - ئاشكارا تىللىغان. ھەتتا بەزىلەر «بۇ قارىلار خىتايدىمۇ بەك جىقلاپ كەتتى، ھۆكۈمەت بىر تەدبىر ئالسا بولاتتى» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان. تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق جىنخۇا شەھىرىدە ياشايدىغان ۋە شۇ ئەتراپتا ئىشلەيدىغان نۇرغۇن قارا تەنلىكلەر بىلەن پاراڭلاشقان. ئۇلار ھەممىسى بىردەك خىتايدا كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ھەر جەھەتتىن كەمسىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن خىتايدا ئوقۇۋاتقان بىر قارا تەنلىك ياش مۇخبىرغا «مەن بۇ پۇرسەتكە ئېرىشكەنلىكىمدىن خوشال. لېكىن بۇ خۇددى ھېچكىم بىزنى خالىمايدىغان بىر يەرگە پۇل بېرىپ ئەكىلىنگەندەكلا بىر ئىش» دېگەن.