خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئالماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوغۇزخان
2017.10.30
soda-setiq-merkizi-saqchi-tekshurush-charlash.jpg مەلۇم سودا مەركىزى ئەتراپىدا پوس تۇرۇۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2015-يىلى 16-ئاپرېل، خوتەن.
AFP

بىر قىسىم شاھىتلار رادىيومىزغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانىلىرى ياكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە قىستاۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلماقتا.

ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان جۈرئەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ۋە ئۆزىگە كېلىۋاتقان تەھلىكە تۈپەيلىدىن ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى يۇرتىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى.

ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئاتۇشتىكى 2 نەپەر نەۋرە ئىنىسىنىڭ يەكەن قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ يېزىسىدىن ئۆيلەنگەنلىكى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاتۇشتىكى ساقچى دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى گۆرۈ ھېسابىدا تۇتقۇن قىلغان. دادىسىنىڭ دىئابىت كېسىلى تۇتقۇن جەريانىدا ئېغىرلىشىپ، يىقىلىپ چۈشكەچكە ئاخىرى ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ كېسەلمەن ئاتا-ئانىسىنى قويۇپ بەرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئورنىغا جۈرئەتنىڭ ئۇكىسىنى بۇ يىل 4-ئايدا تۇتقۇن قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە «قاچان ئوغلۇڭلار چەتئەلدىن قايتىپ كەلسە ئۇكىسىنى قويۇپ بېرىمىز،» دېگەن.

جۈرئەت ئەپەندى يەنە ئاتۇشنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان ھەسەن ئىسىملىك پېنسىيەگە چىققان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىنىڭ يېقىندا 7 يىللىق قاماققا كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئالدىنقى يىللاردا ئاتۇشتىكى باي تىجارەتچىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئىئانە توپلىغان ۋە يېتىم-يېسىر، تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلغان ئىكەن. يەرلىك دائىرىلەر ئۇنى «بارىن ۋەقەسىدە كېسىۋېتىلگەن بىر ‹بۆلگۈنچى› نىڭ ئائىلىسىگە بىر توننا كۆمۈر، مىڭ يۈەن پۇل ۋە ئىككى خالتا ئۇن ياردەم قىلىپسەن،» دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلغان ئىكەن.

ئالدىنقى يىلى ئامېرىكاغا كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئارمان ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈرۈمچى، قاراماي، سانجى، مايتاغ ۋە شىمالدىكى باشقا شەھەرلەردە قاسساپچىلىق، ناۋايلىق، باققالچىلىق ۋە ئاشخانا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن-كاسىبلارنىڭ يۇرتلىرىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ نۆۋەتتە ئۆز يۇرتلىرىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.