ۋاشىنگتون شەھرىدە «5000 كىشىلىك نامايىش»نى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.04.27
namayish-xitay-elchixanisi-0427 27-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ناميىشتىن بىر كۆرۈنۈش، 2018-يىلى 27-ئاپرېل
Photo: RFA

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆملۈك ۋە بىرلىكتە ئىش كۆرۈش روھى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشىدا تېگىشلىك يوسۇندا ئەكس ئەتكەن ئىدى. 27- ئاپرېل كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بېريۇسسېل شەھرىدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5000 كىشىلىك زور نامايىش»تا بۇ ھال يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندى.

ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىكى زور نامايىشنى قوللاش يۈزىسىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقراۋىي تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىۋاستە تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھرىگە يېقىن جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى 27-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلاندى. ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن زۇبەيرە شەمسىدىن نامايىش ئالدىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەتەندىكى ئېشىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى قارشىلىق يولىغا ئۈندەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

نامايىشچىلار  قوللىرىدىكى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سەپ بولۇپ تىزىلغاندا بۈگۈنكى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە كۆپچىلىكنى بىرلىكتە ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

«شەرقىي تۈركىستان مارشى»دىن كېيىن ئېلشات ھەسەن سۆز ئېلىپ بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقىلى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە رەھمەت بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ھازىرقىدەك پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتى تارىختا كۆرۈلمىگەن كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن بىر مەزگىلدە بۇنداق نامايىشلارنىڭ تېخىمۇ زور قىممىتى بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك!» دېگەندەك ئۈنلۈك شوئارلارنى توۋلىدى.  يېرىم سائەتچە داۋام قىلغان شوئار توۋلاشتىن كېيىن نامايىشچىلار سەپ بولۇپ تىزىلىپ خىتاي ئەلچىخانىسىدىن دۇنيا مىقياسىدا ئامېرىكىنىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازى بولغان ئاق سارايغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. نامايىشچىلار يول بويى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىنى شوئار شەكلىدە توۋلاپ ماڭدى ھەمدە شۇ ئارقىلىق كوچىلاردىكى كىشىلەرنىڭمۇ تېگىشلىك دىققىتىنى قوزغىدى.

نامايىش جەريانىدا باش بولۇپ شوئار توۋلاپ مېڭىۋاتقان ئېلشات ھەسەن نامايىشچىلار سېپىدە كېتىۋېتىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ھەمدە قىسقىچە قىلىپ بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ياۋروپادىكى «5000 كىشىلىك نامايىش»نى قوللاش يۈزىسىدىن تەشكىللەنگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقانلار ئۆتكەن قېتىملاردىكى نامايىشلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك كۆپ بولۇپ، سەپ بولۇپ مېڭىۋاتقان بىرنەچچە يۈز كىشى ئارىسىدا نامايىشقا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلارمۇ، يېڭىدىن بۇ سەپكە قېتىلىۋاتقانلارمۇ، شۇنىڭدەك ياش-قورامىنىڭ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىغا قارىماي ئالايىتەن كەلگەنلەرمۇ بار ئىدى. شۇ قاتاردا نامايىشچىلار ئارىسىدىكى ئايقىزدىن نېمە ئۈچۈن بۇ خىل نامايىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشچىلار جاراڭلىق شوئار سادالىرى ئىچىدە ئاق سارايغا يۈرۈش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇرلار جەمىيىتى ھەققىدىكى شوئارلىرىنى مۇشۇ جايدا ئاخىرلاشتۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.