خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا قارىتا باھا ۋە ئىنكاسلار داۋام قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016-01-08
Share
urumchi-herbiy-basturush-5-iyul-305.jpg ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇشتا ئۈرۈمچىگە كىرگەن ھەربىيلەر. 2009-يىلى ئىيۇل.
RFA


خىتاي ھۆكۈمىتى 2016 - يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇشنى بەلگىلىگەن تۈرلۈك يېڭى قانۇن - بەلگىلىمىلەر ئىچىدە، غەرب ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى بەكرەك جەلپ قىلغىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بولدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا بىر قىسىم چەتئەل تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا بېرىلگەن باھالارنى كەڭ تەشۋىق قىلماقتا.

4 - يانۋار كۈنى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى قارشى ئېلىپ، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا ھەمكارلىشىپ قارشى تۇرۇشىغا پايدىلىق دېدى» ناملىق خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «رۇسىيە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ماقۇللىغانلىقىنى قارشى ئالدى» ناملىق خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2015 - يىلى 30 - دېكابىر كۈنىدىكى باياناتىنى تونۇشتۇردى.

باياناتتا، خىتاينىڭ بۇ يېڭى قانۇننى تەستىقلىغانلىقىنىڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا ئورتاق قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ «خەلق تورى» يەنە «دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا ئاكتىپ باھا بەرمەكتە» ناملىق خەۋەرنى ئېلان قىلىپ رۇسىيە، بېلارۇسىيە، مىسىر، كېنىيە، ئالجىرىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەردىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا بەرگەن ئىجابىي باھالىرىنى كۆرسەتتى. بىراق بۇ خەۋەرلەردە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن باشقا، ھېچبىر دۆلەتنىڭ رەسمىي ھالدا خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى قوللىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ بولماسلىقى دىققەتنى تارتتى.

گېرمانىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئەنىۋەرجان ئەپەندى بولسا، رۇسىيەنىڭ خىتاينىڭ بۇ قانۇنىنى قوللىشىنى، رۇس دۆلەت مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 2015 - يىلى 27 - دېكابىر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، خەلقئارا جامائەت ئۇنىڭغا تۈرلۈك باھالارنى بەرگەن، ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ قانۇن پەيدا قىلغۇسى ئاقىۋەتكە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن ھەم مەزكۇر قانۇننىڭ مۈجمەللىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي كۈچلىرىمۇ ئىلگىرى - كېيىن ئۆز ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن.

ئۇنداقتا، مۇتەخەسسىسلەر بۇ قانۇننىڭ رولىغا زادى قانداق قارايدۇ؟

يېقىندا ب ب س قانىلىدا «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى نەتىجە يارىتالامدۇ؟» ناملىق بىر ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئەنگلىيە خانلىق بىرلەشمە ئارمىيىسى دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك پروگراممىسى ئىدارىسى ئېلان قىلغان بۇ ئانالىزدا، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ياراتقۇسى نەتىجىلەرگە نىسبەتەن گۇمانلار شەرھلەنگەن بولۇپ، خىتاي بۇ قانۇننى تەتبىقلاش مۇساپىسىدە دۇچ كېلىدىغان ئىككى قىيىنچىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇنىڭ بىرى، تاشقى جەھەتتە خىتاي خەلقى ۋە خىتاي دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ بارغانسېرى ئىسلام دۆلىتى ھەمدە بازا تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە تېخىمۇ كۈچلۈك دۇچ كېلىۋاتقانلىقى. ئىككىنچىسى، دۆلەت ئىچىدە شەخسلەرنىڭ دۆلەتتىن ياتلىشىش، ھۆكۈمەتكە بولغان غەزىپىدىن ئىبارەت يەنىمۇ چوڭ بىر مەسىلىنىڭ باش كۆتۈرۈشى.

ئانالىزدا، بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» ۋە «بازا تەشكىلاتى» بىلەن بىرگە سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقى، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى نامەلۇم لاگېرلاردا ئەسكىرىي تەلىم - تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پارتلاتقۇچ بومبىلار ياكى پىچاقلار بىلەن قوراللانغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قوزغىشىنى «دۆلەتتىن ياتلىشىش، ھاكىمىيەتكە بولغان غەزەپ» كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمچى ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز، كىملىكىمىزگە تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

يۇقىرىقى ھەر ئىككى كۈچنىڭ خىتاي ئۈچۈن تەھدىت يارىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ ئانالىزدا، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كېتەلىشىگە بولغان گۇمان بايان قىلىنغان.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ قانۇنى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورىزم» بىلەن باغلاپ زەربە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى نەتىجە يارىتالامدۇ؟» ناملىق ئانالىزىدا، چەتئەلدىكى تېررورچى كۈچلەر ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى غەزەپلىك ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەسىلىلەر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇندا بايان قىلىنىدۇ: «‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى دۆلەت مەنپەئىتى قوغداش ئۈچۈن بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى چەتئەلگە يەرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ. ھەتتا زۆرۈر تېپىلغاندا ئەسكىرىي كۈچ ئىشلىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق چەتئەلدە تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان بىر ۋەزىيەت مەۋجۇت. 2015 - يىلى 8 - ئايدا تايلاندتا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى بۇنىڭ بىر مىسالى. سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىسىمۇ، بۇ ۋەقەنىڭ تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ بولسا، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ چەتئەلگە كېڭەيگەنلىكىنىڭ دەلىلى. ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپى ھۇجۇم نىشانىنى ئۇيغۇر ئىلىدىن تەدرىجىي ھالدا خىتاي ئىچىگە كېڭەيتتى، مانا ئەمدى بولسا چەتئەللەرگە قەدەر يېيىلدى. ھازىرقى مەسىلە، خىتاي ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما بۇ قانۇن بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدىكى ئارقا تۈرتكىلىك كۈچ بولغان غەزەپنى بىر تەرەپ قىلالامدۇ - يوق، بۇ پۈتۈنلەي مۈجمەل.»

ئانالىزدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، كىشىلەرنى تېررورىستىك تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرىدىن خالىي قىلىش، كىشىلەر قەلبىدىكى دۆلەتتىن ياتلىشىش، ھاكىمىيەتكە غەزەپلىنىش ھېسلىرىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا نىسبەتەن، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ كۈچى يەتمەيدىغانلىقى، زورلۇق ۋاسىتىلىرىنىڭ بولسا بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن ئەسلا چىقالمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ قانۇنى بولسۇن - بولمىسۇن، ئۇيغۇر ئىلىدىكى باستۇرۇشنىڭ ئوخشاشلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت