كۇچا ئالىقاغا ئەركەكلىرى قوزغىلىپ ياغلىق ئارتقان ئاياللارنى تۇتۇۋالغان ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.05.20
toppa-yaghliq-saqal-ramzan.jpg خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

بۈگۈن كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئالىقاغا بازىرىدا، سەيشەنبە بازارغا سودىلىق قىلغىنى كەلگەن بىر تۈركۈم ئاياللار ياغلىقىنى ئالدىدىن چەككەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا سولاپ قويۇلغان.

تۇتۇلغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ۋە قېرىنداشلىرى بازارلىق ھۆكۈمەت قورۇسى ئالدىغا توپلىنىپ بۇ زوراۋانلىققا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ھەققانىي ھەرىكىتىنى سەيشەنبە بازارغا كەلگەن ئەل-جامائەتمۇ قوللاپ ئەتراپقا توپلانغان. ئۇلارنى قوللىغۇچىلارنىڭ سېپىگە مەكتەپتىن قايتقان بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشقان. ئاقىۋەتتە ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ساقچىلار بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان، ۋەقەگە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى قوراللىق ئارىلىشىپ، ھاۋاغا ۋە كىشىلەرگە قارىتىپ ئوق چىقارغان.

بىر نەپەر كەنت ساقچىسىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىشىچە، ۋەقەدە ئىككى كىشى ئوق تېگىپ ئۆلگەن. ۋەقەدىن كېيىن ۋەقەگە قاتناشقانلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن 70 نەچچىسى تۇتقۇن قىلىنغان.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.