دائىرىلەر ئۈرۈمچى يامالىق تېغىدىكى ئاخىرىقى 1000 ئائىلىلىك ئۇيغۇرنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-06-16
Share
mejburiy-cheqiliwatqan-Uyghur-qoro-jay-oy-1.jpg مەجبۇرىي چېقىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق ئوي-جايلىرى. 2008-يىل، ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan


ئۈرۈمچى يامالىق تېغىدىكى ئۆيلەر شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش نامىدا 2009 - يىلدىن بۇيان چېقىلىشقا باشلىغان ئىدى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە يامالىق تېغى مەھەللىسىدە تەخمىنەن 1000 ئائىلىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇلتۇردىن باشلاپ يامالىق تېغىدا يەر - زېمىنى بار، ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى 200 ئائىلىلىك ئۇيغۇر ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۆيلەرگە بەرمەكچى بولغان تۆلەم پۇلى تولىمۇ تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆي ئىگىلىرى ئۆيلىرىنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە سېتىپ بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى خادىملار تاغدىكى ئۆيلەرنى ئۆلچەش ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەن.

يامالىق تېغىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، يېقىندا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە يېتىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۆي چېقىش ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئۆي چېقىش ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالغان ئائىلىلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ئۆي چېقىلىش باشلانغان دەسلەپكى يىللاردىكى 308 سومدىن ئۆستۈرۈلۈپ 6200 سومغا چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۇل ئۈرۈمچىدە سېتىلىۋاتقان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسىدىن كۆپ تۆۋەن بولغىنى ئۈچۈن، ئۆي ئىگىلىرى بىلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت باھادا بىرلىككە كېلەلمىگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يامالىق تېغىدىكى ئۆيلەرنىڭ شارائىتى ناچار بولۇپ، ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغۇچىلار ئاساسەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر ئېغىز ئۆينى ئېلىپ ئولتۇراقلىشىش ئومۇملاشقان. ئۇلار ئولتۇراقلاشقان تاغنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى مەھەللىدە ھەر بىر قورۇدا تۇرۇبا سۈيى بولسىمۇ، ئەمما تاغ ئۈستىدىكى ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشقانلار يىللاردىن بۇيان سۇنى تاغ تۆۋىنىدىن توشۇپ ئىچىشكە مەجبۇر بولىدىكەن. ئەمما نۆۋەتتە بۇ ئۆيلەرنىڭ چېقىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن تاغدىكى ئەرزان ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۈرۈمچىدە ئىشلەمچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇ غېمى كۈچەيگەن.

يامالىق تېغىدىكى ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر تاغدىكى ئۆيلەر چېقىلسا، ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى ئۆي ئىگىلىرى مەلۇم تۆلەمگە ئېرىشىپ، ئەرزان باھالىق بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما كۈنلۈكىگە 150 سوم ئەتراپىدىكى تاپاۋىتىگە تايىنىپ، 200 - 300 سوم ئەتراپىدىكى ئەرزان ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بۇ قەدەر ئەرزان باھالىق ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

ئۆزىنىڭ يامالىق تېغىدا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئۆز ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ بىر ئائىلىدىكى تۆت جان بىر ئېغىزلىق ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى،گەرچە ئۆينىڭ شارائىتى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما تاغدا ئۆي ئىجارىسى ئەرزان بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەر ئايدا تاپىدىغان 3000 سوم ئەتراپىدىكى تاپاۋىتى بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاغدىكى تەكشۈرۈش ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكىدىن قاتتىق بولۇپ، ئادەتتە ئۆي ئىگىلىرى ۋە ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىلار بەلگىلەنگەن جەدۋەللەرنى تولدۇرغاندىن كېيىن، بۇ جەدۋەللەر ئارخىپ سۈپىتىدە يامالىق تېغى ساقچىخانىسىدا ساقلىنىدىكەن. بولۇپمۇ 2012 - يىلى يامالىق تېغىدا ساقچىخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىلارغا قارىتىلغان كىملىك تەكشۈرۈش بارغانچە كۈچەيتىلگەن. يامالىق ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار ۋە يامالىق تېغى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قەرەللىك ھالدا ئۆي - ئۆيلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈشنى كۆپەيتكەن.

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008 - يىلدىن ھازىرغا قەدەر يامالىق تېغىدىكى تەخمىنەن 2000 ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى چېقىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ تاغدىكى ئۆيلەرنىڭ ساھىبى بولغان ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەرزان باھالىق بىنا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ئەمما تاغدىكى ئۆيلەر چېقىلغاندىن كېيىن، بۇ ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغۇچى كۆچمە نوپۇستىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلىكىكلەر بەھرىمان بولىدىغان ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكى ياكى ئەسلى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت