شىۋېتسىيە بىلەن ياپونىيەدە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.01.14

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن 12-يانۋار كۈنى شىۋېتسىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان 80 ئەتراپىدا ئۇيغۇر خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. شىۋېتسىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەئىسى نىجات تۇرغۇننىڭ ئېيتىشىچە بۇ پائالىيەت شىۋېتسىيەدىكى تور گېزىتلىرىدە ناھايىتى كۆپ يەردە ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرىغا «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» تېمىسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى، شۇنداقلا د ئۇ ق نىڭ دوكلاتلىرىنى سۇنغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا، توكيونىڭ كىيودا رايونىدىكى بىر يىغىن زالىدا «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقنى توختات» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا ياپونىيە يەرلىك پارلامېنتى ئەزالىرى، بەزى ياپونىيە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تىبەت مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 90 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇتنىڭ ئېيتىشىچە يىغىندا كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش، ئانا قورسىقىدىكى بالىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىشتەك قىلمىشلىرى مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن.

بىز بۇ ئىككى پائالىيەت توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن شىۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇتلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.