ياپونىيەدە ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2016.10.24
«تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەنىڭ بۈگۈنى ياپونىيەنىڭ ئەتىسى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 23-ئۆكتەبىر، ياپونىيە.
23-ئۆكتەبىر ياپونىيە شىمانې ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ماستسۇئې شەھىرىدە «تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەنىڭ بۈگۈنى ياپونىيەنىڭ ئەتىسى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيەنىڭ شىمانې ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ماستسۇئې شەھىرىدە قۇرۇلغان «شەرقىي ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق مەجلىسى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەنىڭ بۈگۈنى ياپونىيەنىڭ ئەتىسى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆز خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن قاتتىق ئېزىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.
يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمدىن تۆت يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىنغا ھەر ساھە كىشىلىرىدىن 80 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.
مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ نەق مەيداندىن يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئىلھام ماھمۇت شىمانې ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ماستسۇئې شەھىرىدە قۇرۇلغان «شەرقىي ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق مەجلىسى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە سۆز قىلغان ياپونىيەلىك سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «مەن يىغىندا ئاساسلىقى خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز ئىشغالىيىتى ئاستىغا ئالغان تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە شۇنداقلا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋردىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدىم» دېدى.
سىياسىي ئوبزورچى مىرۇئا كوتارو سۆزىدە يەنە: «مېنىڭچە، بۇ مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دېگەندىن كۆرە، مۇستەملىكە قىلىنغۇچى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇلار بىلەن مۇستەملىكە قىلغۇچى خىتاي كومپارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەش، دەپ ئېيتساق توغرا بولىدۇ. چۈنكى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەرقانداق بىر دۆلەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر مەسىلە. مۇنداقچە ئېيتساق، ياپونىيەنىڭ ئۆزىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تۈرلۈك مەسىلىلەر ساقلانماقتا. لېكىن، تىبەت، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەر بولسا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان مەسىلىلەردۇر» دېدى.
مىئۇرا كوتارو شىمانې ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ماستسۇئې شەھىرىدە قۇرۇلغان «شەرقىي ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق مەجلىسى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا توختىلىپ: «ھازىرغىچە تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە مەسىلىسى توغرىسىدا توكيوغا ئوخشاش مەركىزى شەھەرلەردىلا تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىسىنى يېزا-قىشلاقلارغىچە ئاڭلىتىش مەقسىتىدە بۇ تەشكىلات شىمانې ۋىلايىتىدە تۇنجى قېتىم قۇرۇلدى» دېدى.
ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلىگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسى يىغىننىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.
ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان تىبەت ۋەكىلى تىبەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىش بىلەن بىرگە، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ تۈپ مەقسىتى خىتاي دۆلىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئەمەس، بەلكى خىتايدىن ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋەكىلى دايچىن مۇنداق دېدى: «مەن يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۇپرىقىمىزدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قالايمىقان كان ئېچىشى نەتىجىسىدە موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ يۇرتىمىزدا ئېغىر ئېكولوگىيەلىك بۇلغىنىشلارنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدىم.»
ئاخىرىدا، ئىلھام ماھمۇت شىمانې ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ماستسۇئې شەھىرىدە قۇرۇلغان «شەرقىي ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق مەجلىسى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ياپونىيەدىكى بەزى بىر ئۇيغۇر مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە، ياپونىيە دۆلىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش خوتەن ئەمىرى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي قوماندانى مەخمۇت مۇھىتى زامانىسىدىن باشلانغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىدە بەلگىلىك نەتىجىلەر كۆرۈلمىگەن، دەپ قارىلىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.









