«ياۋا كەپتەر» نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئامېرىكا رادىئوسىدا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.03.24
yawa-kepter-williamson.jpg ياۋا كەپتەر ناملىق ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى ئۈچۈن Brian Williamson سىزغان رەسىم.
Brian Williamson

ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەدەبىي ئەسىرىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى ئامېرىكىدىكى بىر رادىئو شىركىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان. گەرچە ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى 2015-يىلى 14-دېكابىر ئاڭلىتىلغان بولسىمۇ، بىز تېخى يېقىندا مەزكۇر ئاۋازلىق ئەسەرنى تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان سىنسيا ۋولفې خانىمنى زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. ئۇ، نۇرمەمەت ياسىنىڭ ئۇشبۇ بەدىئىي ئەسەر ئۈچۈن قاماق جازاسىغا مۇپتىلا قىلىنغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزىنىڭ «ياۋا كەپتەر» ماۋزۇلۇق ھېكايىسى سەۋەبىدىن 2005-يىلى 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ مەزكۇر ئەسىرى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.

خىتاي تۈرمىسىدىكى يازغۇچىنىڭ جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، ھازىرقى ئەھۋالى نامەلۇم بولۇۋاتقان ئەھۋالدا مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئامېرىكىنىڭ ئىنديانا شتاتىدىكى WFHB رادىئو شىركىتى تەرىپىدىن بىر سائەتلىك ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئەسەر ئىنتېرنېت ۋە رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئامېرىكىدا تارقىتىلدى.

مەزكۇر رادىئو پروگراممىسىنىڭ باش قىسمىدا نۇرمەمەت ياسىننىڭ تەرجىمىھالى، شۇنداقلا جازالىنىش ئەھۋالى خېلى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىمۇ خېلىلا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلىدۇ.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر رادىئو شىركىتىنىڭ «چېگراسىز كىتابلار» (Books Unbound) پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى سىنسيا ۋولفې (Cynthia Wolfe) خانىمنى زىيارەت قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭدىن «ياۋا كەپتەر» نىڭ رادىئو دولقۇنىغا چىقىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدۇق.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «چېگراسىز كىتابلار» پروگراممىسى 2012-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دەسلەپتە ئىنگلىزچە يېزىلغان ھەمدە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەلۇم مەزگىللىك چەكلەش بۇيرۇقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىنگلىزچە رومانلارنى ئاۋازلىق ئەسەر شەكلىدە رادىئودا ئوقۇشنى ئاساس قىلغان.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «2014-يىلى مەن بۇ پروگراممىنىڭ مەسئۇلى بولغاندىن كېيىن، پروگراممىنىڭ نىشانىنى سەل كېڭەيتىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھازىرقى مەۋجۇت ھۆكۈمەتلەر مەنئى قىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىرىنىمۇ مەزكۇر پروگراممىغا ئىشلىتىلىدىغان ئەسەرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدۇق. ھازىرقى ئىنتېرنېت دەۋرىدە بىر كىتابنى ياكى ئەسەرنى مەنئى قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئەگەر بىر ئەسەر تورغا چىقىپلا كەتسە، ھۆكۈمەتلەر ئۆز تەۋەلىكىدە ئۇنى مەنئى قىلالىغان بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى بىر كىشى ئۇنى كۆرەلەيدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر كەڭ ئىمكانىيەت بىزگە ‹ياۋا كەپتەر› نى تېپىۋېلىش پۇرسىتى ئاتا قىلدى.»

ئۇ ئىنتېرنېتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىجابىي رولىنى بايان قىلىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋۋال «خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» نىڭ توربېتىدە «ياۋا كەپتەر» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇ يەردىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى تەرجىمە تېكىستنى تاپقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن مەخسۇس خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدىن ئەسەرلەر ۋە ئاپتورلار ھەققىدە مەلۇماتلار ئىزدەۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. شۇ يەردە مەن نۇرمەمەت ياسىن ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن شۇنداقلا ئۇنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم. بۇنى بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ مەنپەئەتلىك بىر تور بېتى دېيىشكە بولىدۇ. بىز پروگراممىمىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ‹ئۆلمەس شائىرلار› ناملىق بىر سەھىپە تەسىس قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭدا بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھازىرقى زامان شائىرلىرىدىن يىگىرمىگە يېقىن كىشىنىڭ ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرىنى تاللاپ ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۇ شائىرلارمۇ تۈرمىدە يېتىۋاتقان ياكى ئىلگىرى تۈرمىدە ياتقان ۋە ياكى ھەربىي ئىشغالىيەت سەۋەبىدىن يات ئەللەردە سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان كىشىلەر ئىدى. مۇشۇ ھەقتىكى نەشر ھوقۇقى مەسىلىسى بويىچە ئالاقىدە بولۇش جەريانىدا خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىلەن خېلى ئوبدانلا تونۇش بولۇپ قالغان ئىدۇق. ئەمما شۇڭغىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىزنىڭ پروگراممىمىزدا بېرىلىدىغان مەزمۇنلار قاتارىدا يوق ئىدى. مەن نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن شۇ يەردە كۆرسىتىلگەن تور ئادرېسى بويىچە ئىزدەپ ‹ياۋا كەپتەر› ناملىق ئەسەرنى تاپتىم. ئۇ يەردىكى مەلۇماتلار مېنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا باشلاپ كەلدى.»

ئەسەرنىڭ قانداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رادىئودا ئاڭلىتىشقا تاللانغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ قىسقىچە قىلىپ مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، نۇرمەمەت ياسىننىڭ كەچۈرمىشلىرى كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. مەن ئۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئىككىنچى قول مەنبەلەردىن ئالغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرىم يوق. بىلىدىغانلىرىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئاڭلىغىنىم ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدىن ئوقۇغانلىرىم شۇنداقلا باشقا ئالاقىدار مەنبەلەردىن ئىگىلىگەنلىرىم، خالاس. ئەمما، بۇ ئىش ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋېتىدۇ. (نۇرمەمەت ياسىننىڭ) ئاۋازىنى ھۆكۈمرانلار، شۇنداقلا ھۆكۈمەت سۈكۈتكە ئايلاندۇرۇۋەتكەن بولسا، بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز بۇ سۈكۈتكە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ئاۋازنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئاڭلىتىش.»

ھېكايىنى ئوقۇش جەريانىدا ئۇنىڭ قانداق تەسىراتتا بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا سىنسيا خانىم مۇنداق دېدى: «ھېكايە مېنى بەكلا مەپتۇن قىلدى. ھېكايە ھايۋاناتلار دۇنياسى ھەققىدىكى مەسەل ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، مېنىڭچە، بۇ خىلدىكى مەسەل ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى مەدداھلىق مەدەنىيىتىگە ئىگە ھەرقانداق مىللەتنىڭ يازما ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىدىن تاپقىلى بولىدۇ. دېمەك بۇ يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ھادىسىسى. مەن نۇرمەمەت ياسىننىڭ ‹ياۋا كەپتەر› ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قۇشلار ھەققىدە يېزىلغانلىقىنى بىلدىم. شۇڭا ئاپتورنىڭ مۇشۇ ھېكايىسىنى قانداقتۇر شەكىلدىكى سىياسىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلغانلىق، دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلگىنىمدە ھەيرانلىقتىن ئاغزىم ئېچىلىپ قالدى. مەنغۇ ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ئوقۇدۇم، شۇنداقتىمۇ بۇ ئەسەردىكى ‹ئىنسانلار› نى خىتايلارنىڭ، ‹ياۋا كەپتەر› نى ئۇيغۇرلارنىڭ تىمسالى سۈپىتىدە چۈشىنىشكە يېتەكلەيدىغان ھېچقانداق دېتالنى كۆرمىدىم. مېنىڭ ھېس قىلغىنىم، بۇ پەقەت تولىمۇ گۈزەل ئۇسلۇبتا، شۇنداقلا ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك شەكىلدە يېزىلغان بىر ئەدەبىي ئەسەر، خالاس. ئەسەرنى ئاشۇنداق سىياسىي خاراكتېرنىڭ تىمسالى قىلىش مۇمكىن بوپتۇ، ئۇنداقتا ئۇنى ئىجتىمائىي مەنىدىكى بىر تەمسىل قاتارىدا چۈشىنىشكىمۇ بولىدىغۇ؟ ھېكايىدە يەنە مۇھىتشۇناسلارنىڭ ئېكولوگىيە نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىشىغا ئەرزىيدىغان مۇھىم ئېلېمېنتلارمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، مەزكۇر ئەسەرنىڭ تەمسىللىك خاراكتېرىنى مۇھىت نۇقتىسىنى چىقىش قىلغان ھالدا چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. پروگراممىمىزدا ھايۋاناتلار ھەققىدىكى مەسەل ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بۇنداق ئەسەرلەرنى ئىلگىرى ئاڭلىتىپ باقمىغان ئىدۇق. ئەمما بۇ ھېكايىدىكى ئاددىي تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ساددىلىق ۋە ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋېتىدىغان پېرسوناژلار ئوبرازىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلىدۇ. ئەمما، بۇ پەقەتلا قۇشلار ھەققىدىكى بايان، خالاس.»

«ياۋا كەپتەر» نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئامېرىكا رادىئوسىدا ئاۋازلىق ئەسەر بولۇپ ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامېرىكا ياش-ئۆسمۈرلىرىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاددىي بولسىمۇ بىر ساۋات بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار-يوقلۇقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، سىنسيا خانىم بۇنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ ھېكايىگە قىزىقىپ قېلىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بىز ھېچقاچان ئۇيغۇر ئاپتورىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بىرەر ئەسەرنى ئاڭلىتىپ باقمىغان، ئويلىمىغان يەردە شۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى مەن ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەققىدە يېزىلغان بەزى مەلۇماتلارنى ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا شەخسەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيتتىم. شۇڭا شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرەلىگۈدەك مەنبەلەرنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىدىم. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئامېرىكىلىق تاماشىبىنلار ئۈچۈن چوقۇم شۇنداق رولى بولىدۇ. چۈنكى كۆپ قىسىم ئامېرىكالىقلار بۇ خەلق ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدىن خەۋەرسىز.»

بىر سائەتلىك مەزكۇر پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى شۇنداقلا خىتايدىكى مەدەنىيەت ساھەسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان دىكتاتورىلىق ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.

مەزكۇر رادىئو پروگراممىسىدا ئاڭلىتىلغان «ياۋا كەپتەر» نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى سىنسىيا ۋولفې تەھرىرلىگەن بولۇپ، مايكىل پېررىي (Michael Perry) بۇنى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاۋازلىق ئەسىرى سۈپىتىدە ئوقۇغان؛ سارا توربېك (Sarah Torbeck) ۋە خېزېر پېررىي (Heather Perry) ياردەملەشكەن؛ جو كراۋفورد (Joe Crawford) پروگراممىنى رادىئو ئۈچۈن تەييارلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.