بېلگىيە، نورۋېگىيە ۋە گوللاندىيەلەردە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.07.06
Norwigiye-2018-5-iyul-05.jpg 5-ئىيۇل نورۋېگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 5-ئىيۇل. نورۋېگىيە.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن 5-ئىيۇل كۈنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان شەكىل ۋە كۆلەملەردە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشلىرى ئېلىپ باردى. بېلگىيەدىكى نامايىشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن بىريۇسسېلغا يېتىپ كەلگەن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىدى.

بېلگىيەدىكى نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش ئەھۋالىدىن بىزنى خەۋەردار قىلدى ھەمدە بۇ قېتىملىق نامايىشقا بولغان قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. 

بىريۇسسېلدىكى نامايىشنى تەشكىللىگەن بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام نامايىشنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ياخشى ئۈنۈملەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. بېلگىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن قۇربان ئاكا ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل نامايىشلارنى 9 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلنىسا خانىم بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نى تاقاش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پائال ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. رەيھانگۈل خانىم بۇ نامايىشنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. سىياسىي ئاكتىپلاردىن ئەكبەرجانمۇ نامايىشنىڭ جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى. 

5-ئىيۇل كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھىرىدىمۇ كۆلىمى زور بولغان بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار نورۋېگىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىغا جەم بولۇپ، بۇ يەردە بىر سائەت ئەتراپىدا نامايىش ئېلىپ بارغان، ئاندىن نوبېل تىنچلىق سارىيىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان. نورۋېگىيەدىن بىزگە ئۇچۇر بەرگەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى نامايىشنىڭ تولىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە ھاياجانلىق ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندى بۇ نامايىشنىڭ يەرلىك نورۋېگ خەلقىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. 

5-ئىيۇل كۈنى يەنە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار گوللاندىيە پارلامېنتى ئالدىغا جەم بولۇپ، جاراڭلىق شوئارلار بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى بايان قىلىشقان. نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ گوللاندىيە تارىخىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق كۆلىمى زور نامايىش بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

5-ئىيۇلنىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى بىرقىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشىمىغان شەكىللەردە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.