يەكەندىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىنىڭ يەنىمۇ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.01
xoten-yepiq-terbiyelesh-orni.jpg خوتەندىكى مەلۇم يېپىق تەربىيەلەش ئورنى.
Social Media

مۇخبىرىمىزنىڭ ساقچى خادىملىرى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى داۋامىدا يەكەندە 28‏-يانۋار كۈنى يۈز بەرگەن ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، يەكەننىڭ باغ ھويلا ئاھالىلەر كومىتېتىدا 25‏-يانۋار كۈنى ئېچىلغان سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنىغا مەزكۇر تەۋەلىكتىكى 16 ياش بىلەن 45 ياش ئارىسىدىكى 200 چە كىشى قاتناشقان. يىغىندا بۇلاردىن 17 نەپىرى دۆلەت شېئىرىنى يادلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچرىغان ۋە ئۇلارغا 3 كۈنلۈك مۆھلەت بېرىلگەن. 27‏-يانۋار كۈنى بۇ 17 كىشىدىن 6 كىشى تېخىچە يادلىيالمىغان. دائىرىلەر بۇ 6 كىشىنى شۇ كۈنى جازالاپ تازىلىق ئىشىغا سالغان ۋە ئۇلارغا يەنە 3 كۈنلۈك مۆھلەت بېرىپ، 29-يانۋار كۈنىگىچە يادلىيالمىسا، 6 ئايدىن 5 يىلغىچە قاماققا كېسىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. خىتاي دۆلەت شېئىرىنى يادلاپ بولۇشقا قۇربى يەتمىگەن تۇرسۇن ئابلەت 28‏-يانۋار ئەتىگەندە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن يېزا ۋە كەنت دەرىجىلىك كادىر ۋە ساقچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ساقچى خادىمى ۋەقەگە باغلىنىشلىق خادىم ۋە گۇۋاھچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىدىن مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ. «يەكەن ناھىيىلىك كوچا باشقارمىسى ئاھالىلەرنىڭ كومىتېتىنىڭ باشلىقى مەمەتتۇرسۇن ۋە باغ ھويلا ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇردى تۇرسۇن قاتارلىق كادىرلار ۋە كۇرسىغا قاتناشقان ئاھالىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىم.» 

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇۋاھلىق بەرگەن ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى تۇرسۇن ئابلەتنىڭ تىل-ھاقارەتكە چىدىماي ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەتتۇرسۇن مەخمۇتنىڭ كۇرسقا قاتناشقان پۈتۈن ئاھالىلەرنى دۆلەت شېئىرىنى يادلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن تىللىغانلىقىنى پاش قىلغان. سۆھبەت خاتىرىسىدە ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى ئورۇن ئالغان: «‏25-چېسلا ئىككى يۈزچە كىشى يىغىنغا قاتناشتۇق، 17 كىشى دۆلەت شېئىرىنى يادلىيالمىدۇق، بىزنى مۇدىر ‹دۆت-ئېشەكلەر› دەپ تىللىدى. 27‏-يانۋار كۈنى 17 كىشىدىن يەنە 6 كىشى دۆلەت شېئىرىنى يادلىيالمىدى، ئۇلار تازىلىققا سېلىندى ھەم ئۇلارغا 29-يانۋارغىچە يادلاشمىساڭ، بىرلەشمە جەڭ سۇپىسى (يىتىخۇا) غا كىرگۈزۈۋېتىمىز، دۆلەت شېئىرى قانۇنى بويىچە 6 ئايدىن 5 يىلغىچە كېسىلىسىلەر دەپ تەھدىت سالدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، باغ ھويلا ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەسئۇلىيەتنى رايونغا مەسئۇل مۇدىر مەمەتتۇرسۇن مەخمۇتقا ئارتقان. ئۇمۇ مەمەتتۇرسۇن مەخمۇتنىڭ ئاھالىلەرنى بىر قېتىم كوللېكتىپ ھالدا تىللىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن. 

ئىگىلىنىشىچە، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان تۇرسۇن ئابلەت يەكەن بازار ئىچىدىكى باغ ھويلا ئاھالىلەر كومىتېتىغا تەۋە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نوپۇسى ئەسلىدە يەكەن بازىرىدىن 3 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى تومئۆستەڭ يېزىسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىدا ئىكەن. ئۇنىڭ خانئېرىقتىكى ئۆيىدە بېقىۋاتقان بىرقانچە توخۇسى بار بولۇپ، ئۇ ئۆلۈۋالىدىغان كۈنى ئۆيىدىن ئەنە شۇ توخۇلىرىغا دان چېچىپ بېرىش باھانىسى بىلەن ئايرىلغان. ئۇ بۇ كونا ئۆيدىكى باراڭغا ئارقان سېلىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان ئىكەن. 

ساقچى خادىمى، تۇرسۇن ئابلەتنىڭ بۇرۇن ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغان كىشى ئىكەنلىكى ۋە مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈپ باقمىغانلىقى، ئۇنىڭ جازالىنىشتىن قورقۇپ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.