كورلادىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» نىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى (2)

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.12.22
qoralliq-herbiy-saqchi-kocha-charlash.jpg كوچىدا پوسقا تۇرغان ساقچىنىڭ يېنىدىن بىر گۇرۇپپا ھەربىينىڭ كوچا چارلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 5-نويابىر، قەشقەر.
AP Photo/Ng Han Guan

«ئۇخلىغاندا ياستۇق يوق، ئوڭدا يېتىشقا رۇخسەت يوق، يانتۇ يېتىش شەرت»

پاش بولۇشىچە، كورلادىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە ئادەمنىڭ زىيادە كۆپلۈكى سەۋەبىدىن تۇتقۇنلار ئۇخلىغاندا يانتۇ يېتىشقا بۇيرۇلغان، ئوڭدا يېتىش ۋە بېشىغا ياستۇق قويۇش چەكلەنگەن. تۇمشۇقلىرى ۋە بەدەنلىرى بىر-بىرىگە تېگىشىپ، كېسەك تىزىلغاندەك جىپسىلىشىپ يېتىشقا مەجبۇر بولغان بۇ تۇتقۇنلار يەنە بوغقۇچلۇق ئاياق، كەمەر ۋە سېرتمىلىق كىيىم كېيىشتىنمۇ چەكلەنگەن. نەتىجىدە بەزى تۇتقۇنلار «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ كامېر ۋە زاللىرىدا يالاڭئاياق يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. تۇتقۇنلارنىڭ كامېرغا سولىنىشنىڭ ئالدىدا كىيىملىرىدىكى تۈگمىلەر ئۈزۈۋېتىلگەن.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ بەزىلىرىدە 85 تىن 100 گە قەدەر كىشى كىچىك بىر زالدا، بەزىلىرىدە ياكى 400-500 كىشى چوڭ بىر زالدا يېتىشقا مەجبۇرلانغان. يەنە بەزىلىرىدە بولسا ئەسلىدە ئىككى ياكى 4 كىشىلىك كامېرغا 8 دىن 14 كە قەدەر كىشى ياتقۇزۇلغان. كورلا يېڭى شەھەر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ بىر كامىرىدا ئىككى ئاي ئاۋۋال 8 كىشى قىستىلىپ ياتقان بولسا، ئەمدى يەنە كارىۋات جۈپلەش ئارقىلىق ئوخشاش بىر كامېرغا 14 كىشى سولانغان. تۇتقۇنلار كامېرغا سىغدۇرۇلۇش ئۈچۈن باشلىرىغا ياستۇق قويماسلىققا، ئوڭدا ياتماسلىققا ۋە يانتۇ ھالدا تۇمشۇق تىرىشىپ يېتىشقا مەجبۇرلىغان. تۇتقۇنلارنىڭ كامېردا ئۇخلىغاندا پۇت-قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئىمكانى بولمىغان. شاھىتلاردىن يەنە بىرى يېقىندا قاماقخانىدىن قاماقخانىغا يۆتكىلىۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يالاڭئاياق كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

يۇقىرىقى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن كورلادىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» مۇ ئۆزىنىڭ ساقچىخانىغا ئاپىرىلىش جەريانى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئاپىرىلغانلار ئاۋۋال كەنت ياكى يېزىلىق ساقچىخانىغا چاقىرتىلىدۇ. يېزىلىق ساقچىخانىدا سوراققا قىلىنىپ، ئاتالمىش «جىنايەت گۇماندارلىق» ياكى «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئالامىتى بېكىتىلگەندىن كېيىن، تەربىيەلەش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىلىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇنلار «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە يوللىنىشتىن ئاۋۋال يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ سوراقخانىسى ياكى زالىدا بىرقانچە كۈن ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەچكە، «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن قايتۇرۇلغان ۋە نۆۋەتتە «جىنايەت گۇماندارى» سۈپىتىدە كۆزىتىلىۋاتقان مەزكۇر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» ئەسلىدە ئەتىۋارلىق كەنت سېكرېتارى بولۇپ، ئۇ سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى تېخى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۆتىگەن. ئۆتكەن يىلى بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنى ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش دولقۇنىدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا بىر ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيال تارقىتىش» دېلوسىنى ئۆزى پاش قىلىپ، خىزمەت كۆرسەتكەن ئىكەن. ئۇ مەلۇم قىلغان دېلو سەۋەبلىك كەنتتىكى 22 نەپەر ياش ئۆتكەن يىلى كېسىلىپ كەتكەن.

بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەتىۋارلىق كەنت سېكرېتارلىقىدىن بىردىنلا «جىنايەت گۇماندارى» غا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ سىرى ھەققىدە ھېلىھەم ئويلىنىشتا تۇرماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.