يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىدىكى بىر «كۇرسانت»: گۇناھىمىز - ئالتە يىل بۇرۇن تويدا تەبلىغ ئاڭلاپ قالغانلىقىمىز

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.08.18
ghulja-bronewik-herbiy.jpg خىتاي ئەسكەرلىرى برونېۋىكلىرى بىلەن غۇلجا شەھەر ئىچىگە كىرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 26-يانۋار.
Social Media

مۇخبىرىمىز غۇلجا ناھىيىلىك يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىگە قارىتا ئېلىپ بارغان زىيارىتى داۋامىدا، مەزكۇر مەركەزدىكى ياردەمچى كادىرلارنىڭ تېلېفونلىرىنى سۇنۇپ بېرىشى نەتىجىسىدە، تەربىيىلىنىۋاتقان ئاتالمىش كۇرسانتلار بىلەنمۇ سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. كۇرسانتلاردىن بىرى، خۇدىياريۈزى بازار قوتانتام كەنتىدىن ئۆزى بىلەن بىرلىكتە 11 كىشىنىڭ 6 يىل ئاۋۋال مەھەللىدىكى بىر تويدا تەبلىغ ئاڭلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ۋە تەربىيىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى، مەزكۇر يېپىق مەركەزدە بولۇۋاتقان ئىشلارنى قانۇنىي نۇقتىدىن ئىزاھلاشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بايان قىلدى.

بىز غۇلجا ناھىيىلىك يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىدىكى ياردەمچى كادىرلارنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، بۇ مەركەزدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاتالمىش كۇرسانتلاردىن بىرقانچىسىنىڭ كونكرېت قانداق دېلولار بىلەن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.

بىز بۇ يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىدە بولۇۋاتقان ئىشلار ھەققىدە، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ يالغۇز يۇقىرىقى بىر دېلونىلا ئەمەس، بۇ مەركەزدە بولۇۋاتقان بارلىق ئىشلارنى، ھەتتا پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى قوغداش نامى ئاستىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىشلارنى قانۇنىي نۇقتىدىن ئىزاھلاشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئېيتتى. خىتاينى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر قانۇن دۆلىتىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن نۇرىي تۈركەل ئەپەندى، مەسىلىنىڭ يەنى قانۇنسىز ئىجرائاتلارنىڭ يىلتىزى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ئۆز دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.