قارغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدىكى چۆللۈكتە 28 ئۇيغۇر تېررورلۇق گۇمانى بىلەن ئوققا تۇتۇلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قاغىلىق خىتاي چېگرا مۇداپىئە ئەترىتى.
قاغىلىق خىتاي چېگرا مۇداپىئە ئەترىتى.
tianshannet.com.cn


تۈنۈگۈن بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز، قارغىلىقتا 20 - ئاۋغۇست كۈنى قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقەدە يىلقىچىدىكى بىر سايدا ھەربىي مەشق قىلىۋاتىدۇ دەپ قارالغان 28 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنىپ ئېتىۋېتىلگەن ۋە جەسەتلىرى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن شۇ چۆللۈككە كۆمۈۋېتىلگەن.

بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن يىلقىچىدىكى ساقچى ۋە ئاھالىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 16 كىشى ئۆلگەن؛ ئۆلگۈچىلەردىن 15 نەپىرى ئۇيغۇر، بىر نەپىرى خىتاي. ۋەقە قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزا سېرىقئاتا كەنتىدىكى بىر سايدا يەنى چۆللۈكتە يۈز بەرگەن.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

: چىپان يېزىلىق ھۆكۈمەت نۆۋەتچى خادىمىنى زىيارەت

مۇخبىر: ۋەقە يۇز بەرگەندىن كېيىنكى ۋەزىيەت قانداق سىلەرنىڭ يېزىدا؟

خادىم: شۇ كۇنى مەن چازىدا تۇرۇۋاتقان، يىلقىچىدا ۋەقە چىقتى، ھېچقانداق ئادەمنى ئۆتكۇزمەڭلار دەپ ئۇقتۇرۇش كەلدى، شۇ بويىچە نۆۋەتتە تۇرۇۋاتىمىز.

مۇخبىر: چىققان ۋەقە نېمە ۋەقە ئىكەن؟

خادىم: بىزگە ئۇقتۇرۇلمىدى، ئادەتتىكى كادىر بولغاندىكىن، كەلگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ ئولتۇردۇق.

يىلقىچىدىكى بىر ئاھالىنى زىيارەت

سوئال: ۋەقە ھەققىدە نېمىلەرنى ئاڭلىدىڭىز؟

جاۋاب: يىلقىچى بىلەن پوسكامنىڭ بۇيلۇق يېزىسى ئارىسىدا بىر سايلىق بولىدىغان، شۇ يەردە ۋەقە چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق؛ ئاڭلىساق، شۇ يەرگە توپلىشىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلار بار ئىكەن، كۈندۈزلىرى ئىشلەپ، كېچىلىرى بىر ئىشلارنى مەشق قىلىدىكەن؛ ئۇلارنى شۇ يەردىكى كىشىلەردىن بۇرۇن ساقچىلار بايقاپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق.

سوئال: قانچە كىشى ئۆلۈپتۇ دەپ ئاڭلىدىڭىز؟

جاۋاب: 16 كىشى دېگەندەك قىلدى.

سوئال: جەسەتلەرنى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىدا كۆمۈۋېتىپتۇ دېگەن گەپ بار، سىزمۇ مۇشۇنداقراق گەپ ئاڭلىدىڭىزمۇ؟

جاۋاب: قانغا مىلەنگەن توپىنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىم، ئەمما جەسەت قانداق بولدى ئۇقمىدۇق؛ بۇ ئىشنى تېخى تۈنۈگۈن ئاڭلىدىم؛ 3 - 4 كۇن بۇرۇن يۇز بەرگەن ئىكەن، جىمجىتلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن گەپ.

يىلقىچىدىكى بىر تىجارەتچىنى زىيارەت:

سوئال: يېزىڭىزدا 20 نەچچە ئادەم ئۆلگەننىڭ گېپى بار، بۇ كىملەر، ئوڭ قوشناممىدۇ، سولىمىدۇ دەپ سۇرۇشتە قىلىپ باقمىدىڭىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەقەنى تۇنۇگۇن تېخى قەيىناتامدىن ئاڭلىدىم، دادۈينىڭ فۇشۇجىسى دەپ بېرىپتۇ. يىلقىچىنىڭ سېرىقئاتا دەپ بىر كەنتى بولىدىغان شۇ يەردە 20 نەچچە كىشى توپلىشىپ بومبا ياسىغان ئىكەن، ساقچىلار بايقاپ قېلىپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىپتۇ. بىزنىڭ مەمەت ئەمەي دەپ بىر تونۇش بولىدىغان، شۇنىڭ ئىنىسىمۇ شۇ ۋەقەدە ئۆلۇپتۇ، شۇ كۇنكى كىشىلەر مەمەت ئەمەينىڭ ئىنىسى ئىجارە ئالغان ئۆيدە تۇرۇۋاتقان ئىكەن.

سوئال: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلۈپ، قانچە كىشى يارىلىنىپتۇ؟

جاۋاب: 26 كىشى ئۆلۈپتۇ دەپ ئاڭلىدىم.

يىلقىچى ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باتۇر ئوسماننى زىيارەت:

سوئال: سىز باتۇر ئوسمانمۇ؟

جاۋاب: ھە مەن شۇ.

سوئال: سىز يىلقىچى ساقچىخانىنىڭ جىداۋيۇەنى(مۇئاۋىن باشلىقى) بولامسىز؟

جاۋاب: ھە شۇنداق.

سوئال: ۋەقەدىن كېيىن يىلقىچىنىڭ ۋەزىيىتى قانداق ھازىر؟

جاۋاب: ۋەقە؟ قايسى ۋەقە؟!

سوئال: يىلقىچىدا يۇز بەرگەن ۋەقەنى دەۋاتىمەن؟

جاۋاب: ياق، ياق، ھېچقانداق ۋەقە يۇز بەرمىدى؟

سوئال: سىز يەنى باتۇر ئوسمان يىلقىچىدا ھېچقانداق ۋەقە يۇز بەرمىدى دەيسىز، شۇنداقمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق.

سوئال: ۋەقەدە 26 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيسىز، شۇنداقمۇ؟

جاۋاب: ياق، بىلمەيمەن.

سوئال: سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز مۇشۇ قانلىق ۋەقەنى يوشۇرۇش شۇنداقمۇ؟

جاۋاب :......

سوئال: گەپ قىلىڭ، شۇنداقمۇ؟!

جاۋاب :........

يىلقىچى ساقچىخانىسىدىكى نۆۋەتچى ساقچىنى زىيارەت:

سوئال: ھە ھازىر يىلقىچىدا ۋەزىيەت قانداق؟

جاۋاب :........

سوئال: گەپ قىلالمايسىزغۇ؟ سىز ياردەمچى ساقچىمۇ رەسمىي ساقچىمۇ؟

جاۋاب: ياردەمچى ساقچى.

سوئال: ھە، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ۋەقەدىن كېيىن؟

جاۋاب: مەن نۆۋەتتە تۇرۇۋاتىمەن، باشقىلار نەق مەيداندىن قالدۇقلارنى توشۇۋاتىدۇ؟

سوئال: ھازىرغىچە قانچە جەسەتنىڭ قالدۇقىنى ئەكەلدىڭلار؟

جاۋاب: ھازىرغىچە بىر يەشىك كىتاب، 6 دانە پالتا، چەيدو، پىچاق قاتارلىق نەرسىلەر يىغىپ كېلىندى.

سوئال: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلدى؟

جاۋاب: قاغىلىقتىن ئۆلمىدى، قەشقەردىن كەلگەن گۇڭئەندىن بىرسى ئۆلۈپتۇ.

سوئال: ساقچىدىن بىرسى ئۆلگەن گەپمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق.

سوئال: قارشى تەرەپتىن ئۆلگەنلەر قانچە ئىكەن؟

جاۋاب: 15 دەپ ئاڭلىدىم.

سوئال: ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگەنچۇ؟

جاۋاب: شۇ بىر.

سوئال: قەشقەردىن كەلگەن ساقچى شۇمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق.

سوئال: ئۇ خەنزۇمۇ، ئۇيغۇرمۇ؟

جاۋاب: خەنزۇ.

سوئال: جەسەتلەر شۇ جايغا كومۇۋېتىلدىمۇ، ياندۇرۇپ ئەكىلىندىمۇ؟

جاۋاب: ئۇنى ئۇقمايدىكەنمەن.

سوئال: نەق مەيدانغا شۇ كۇنى باردىڭىزمۇ؟

جاۋاب: ياق، بىز ياردەمچى ساقچىلارنى نەق مەيدانغا ئاپارمىدى، يۇقىرىقىلار (نەق مەيدانغا بارغان ساقچىلاردىن) ئاڭلىغانلىرىم.

ھۈرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۇنى قارغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدىكى بىر سايلىقتا بىر گۇرۇھ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تېررورلۇق گۇمانى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلاتتۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت