يۈرەك كېسىلىدە ئۆلدى دېيىلگەن بەزى ساقچى«قەھرىمان» لارنىڭ ئوقتا ئۆلگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.04.08
olgen-saqchi.jpg خىتاي ج خ تارماقلىرى 1-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار تىزىملىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىزىملىكتىكى ئۇيغۇر رايونىغا تەۋە 33 نەپەر ساقچىنىڭ 17 نەپىرى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.
mps.gov.cn

خىتاي تەرەپ يۈرەك كېسىلىدە ئۆلدى، دەپ ئېلان قىلغان ئاتالمىش «ساقچى قەھرىمانلىرى» ھەققىدىكى مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئاساسىي قاتلامدىكى ساقچى ۋە ئاھالىلەرنىڭ بۇ قەھرىمانلارنىڭ كىملىكى ۋە ئىش - ئىزلىرىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ ئەھۋال ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى، دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، مۇنچە كۆپ كىشىنىڭ يۈرەك كېسىلىدە ئۆلۈشىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سابىق ساقچى خادىمى يولۋاس ئەپەندىمۇ، مەزكۇر ساقچىلارنىڭ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ياكى خاتا ئېتىپ تاشلانغان ئەھۋالدا قەھرىمان دەپ ئېلان قىلىنىپ، ۋەزىيەتنىڭ پەردازلىنىۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 33 «قەھرىمان» دىن 17 نەپىرىنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈشى بىنورمال بىر ئەھۋال. بۇ ئىشتا چوقۇم بىر دۆلەت سىرى، دۆلەت مەخپىيەتلىكى مەۋجۇت، يەنى خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى ئۆتكۈزگەن بىر جىنايەت پەردازلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

بىزنىڭ تۈنۈگۈنكى ۋە ئالدىنقى كۈنكى پروگراممىمىزدىن مەلۇم بولغان، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاھالىلەر ۋە ساقچى خادىملىرىنىڭ، مەزكۇر «قەھرىمان» لارنىڭ كىملىكى ۋە ئىش - ئىزلىرىدىن خەۋەرسىزلىكى، دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى پىكرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىمەكتە. شۇڭا بىز قاھار ئەپەندىگە قايتا تېلېفون قىلىپ، مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۆلۈم سەۋەبلىرى ھەققىدە تەخمىنلىرىنى سورىدۇق.

قاھار ئەپەندىنىڭ دېگىنىدەك، خىتاي تەرەپنىڭ ۋەقەلەردە ئۆلگەن ئۆز خادىملىرىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە يالغان مەلۇمات بېرىشى بۇرۇنمۇ يۈز بەرگەن.

2014 - يىلى 7 - ئايدا «يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە يېزا باشلىقى غۇلام توختى بىلەن سېكرېتار ئابدۇغېنى تۇردى ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن بولسىمۇ، دائىرىلەر ئۇلارنى «تېررورچىلار ئۆلتۈردى» دەپ خەۋەر قىلغان، ئۇ ئىككىسىگىمۇ «قەھرىمان» دەپ نام بېرىپ ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ئەمما ۋەقەدىن كېيىنكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇلارنىڭ ئىسيانچىلار بىلەن بىرلىكتە قوشۇپ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ئۇلارنىڭ ئاياللىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان.

28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىدە ئۆلگەن دۆڭبازار يېزىلىق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېكرېتارى ئابدۇغېنى تۇردىنىڭ ئايالى: «يولدىشىمنىڭ بەدىنىدىن 4 پاي ئوقنىڭ ئىزىنى كۆردۈم، كىيگەن گاڭسىرىدىكى تۆشۈكتىمۇ كۆيۈك ئىزى بار، ھۆكۈمەت بۇلارنى تېررورچىلار ئۆلتۈردى دېگەن، ئۇلارنىڭ قورالى بولمىسا قانداق يولدىشىمنى ئۇلار ئۆلتۈرگەن بولىدۇ، ئۆلگەن خەنزۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئوقتا ئۆلمەپتۇ، ئوقتا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ساقچىلار ئاتقان گەپ.»

يېزا باشلىقى غۇلام توختىنىڭ ئايالى: «يولدىشىم ساقچىلارغا ‹بىزنى ئاتماڭلار، بىز ئۆزۈڭلارنىڭ ئادىمى› دەپ ساقچىلارغا لابادا يالۋۇرۇپتۇ، شۇنداق تۇرسىمۇ 50 مېتىر ئارىلىقتىن پەرقلەندۈرمەي قوشۇپ ئېتىۋېتىپتۇ.....»

بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىدا ساقچى خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن، نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان يولۋاس ئەپەندى، ئۆزى كۆرگەن - بىلگەنلىرىگە ئاساسەن، يوشۇرۇلۇۋاتقان ئۆلۈم سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدا خىتاي تەرەپ يۈرەك كېسىلىدە ئۆلدى دەپ ئېلان قىلغان 17 نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئوقتا ئۆلگەنلىك ياكى باشقا ئۇسۇلدا يوقىتىۋېتىلگەنلىك ئېھتىماللىقى ھەققىدە سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەزلىرىنى ئاڭلىدىڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.