«ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى ھەققىدە تەھلىل» ناملىق كىتاب تۈركىيەدە نەشردىن چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.08.03
kitab-muqawe.jpg تۈركىيە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەنۋەر قاپاغان يازغان «ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى ھەققىدە تەھلىل» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەنۋەر قاپاغان يازغان «ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى ھەققىدە تەھلىل» ناملىق كىتاب تۈركىيەنىڭ ياۋرو-ئاسيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بەنگۈ نەشرىياتىدا نەشرىدىن چىقتى.

كىتابىدا ئۈستۈن ئاتۇشتىن توپلانغان «ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشى؛ ھەرخىل دەل-دەرەخ، گۈل-چېچەك، ئوت-خەسلەرنىڭ يارىتىلىشى؛ ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئادەملەرنى يارىتىشى؛ ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئۇچار قۇشلارنى يارىتىشى، مىكروپلارنىڭ يارىتىلىشى؛ تەڭرىتېغى؛ بوغدا كۆلى، تەكلىمەكاننىڭ پەيدا بولۇشى؛ قەشقەر توغرىسىدا ئەپسانە» قاتارلىق 89 ئەپسانە ھەر جەھەتتىن تەھلىل قىلىنغان.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى، ئېغىز ئەدەبىياتى، سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلارمۇ كۆپەيمەكتە. تۈركىيە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەنۋەر قاپاغان ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى ھەققىدە تەھلىل» ناملىق كىتاب 153 بەت، 2 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بابتا ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي مەلۇمات ۋە ئۈستۈن ئاتۇشتىن توپلانغان 89 ئەپسانە توغرىسىدا تەھلىل. ئىككىنچى بابتا ئۈستۈن ئاتۇشتىن توپلانغان 89 ئەپسانىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىگە يەر بېرىلگەن.

ئاپتور ئۆز كىتابى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بەزى تەتقىقاتلارنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا ئەھمىيەتى ناھايىتى زور بولىدۇ. بۈگۈن ئۇيغۇرلار سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ساھالاردا ئېغىر بېسىمغا دۇچار بولماقتا. بۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر تەتقىقاتنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ كىتابنى يازدىم.»

دوكتور ئەنۋەر قاپاغان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسى مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ خىل تەتقىقاتلارنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تۈرك تارىخىدا تۇنجى بولۇپ شەھەر تۇرمۇشىغا ئۆتكەن بىر مىللەت. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېغىز ۋە يازما ئەسەرلىرىنىڭ تۈرك مەدەنىيىتى ئۈچۈنلا ئەمەس دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇر ئەپسانىلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىم.»

دوكتور ئەنۋەر قاپاغان مەزكۇر كىتابىدا ئاتۇشتا بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى مەخمۇتجان ئەركىن ئەپەندىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق مەزگىلىدە ئۈستۈن ئاتۇشتىن توپلىغان 89 ئەپسانىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىگە ئورۇن بەرگەندىن سىرت ئەڭ ئاساسلىقى مەزكۇر 89 ئەپسانە توغرىسىدا تەھلىل ئېلىپ بارغان. قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ماگىستىرلىقنى يېڭى پۈتتۈرگەن مەخمۇتجان ئەركىن ئەپەندى بۇ 89 ئەپسانە كىرگۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى»» نامىلىق كىتابىنىڭ ئالدى بىلەن ئىستانبۇلدا تەكلىمەكان ئۇيغۇر نەشىرياتىدا ئۇيغۇرچە نەشر قىلدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەخمۇتجان ئەركىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇشتىن توپلىغان ئەپسانىلىرىنى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇپ، بەكلا قىزىققانلىقىنى، كېيىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىپ «ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى ھەققىدە تەھلىل» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور ئەنۋەر قاپاغان ئەپەندى ئەپسانىلەرنىڭ بىر مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەپسانىلەرنى تەھلىل قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ناھايىتى قەدىمىي تارىخكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مىللىي كىملىكنىڭ شەكىللىنىشى مىللەتلەرنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تارىخىي مەنبەلەردىن ‹ئۇيغۇر› ئىسمىنىڭ قانچىلىق قەدىمىي تارىخكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. مەن بۇ ئەپسانىلەرنى تەتقىق قىلغان ۋاقتىمدا بۇ ئەپسانىلەرنىڭمۇ ‹ئۇيغۇر› ئىسمىدەك قەدىمىي تارىخقا ئىگە، چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. بۇ ئەپسانىلەر ئۇيغۇرلارغا مىللىي ھېس ۋە مىللىي غۇرۇر بېرىش بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى قىممەت قاراشلارنىمۇ ئىپادىلىگەن. مەسىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، باشقا مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيەتنى قوغداپ قېلىشىغا شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ ئىپادىلىگەن.»

دوكتور ئەنۋەر قاپاغان ئەپەندى كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا توختالدىم. ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يۈز يىل ئىچىدە نۇرغۇن سىياسىي ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. شۇڭا مەن كىتابتا ئۆتكەن يۈز يىللىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردىم.»

مەخمۇتجان ئەركىن ئەپەندى 1980-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى، ئۇيغۇر چۆچەكلىرى ۋە رىۋايەتلىرى توپلانغان بولسىمۇ بەزىلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى كوممۇنىستىك ئىدىيەگە ماسلاشتۇرۇلۇپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا رەتلەنمىگەنلىكىنى، ئۆزى توپلىغانلىرىنىڭ كۆپىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مەزمۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنى رەتلەپ نەشر قىلدۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاپتور ئەنۋەر قاپاغان 1982-يىلى تۈركىيەنىڭ ئاغرى ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. 2001-يىلى نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 2009-يىلى تۈركىيەنىڭ قازاقىستاندىكى تۈركچە ئۆگىتىش مەركىزىدە ئىشلىگەن. نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇغاندىن كېيىن 2015-يىلىدىن تارتىپ قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.