گەرچە كورلا نەشپۈتى ئوزۇقلۇق مىقدارىنىڭ يۇقىرىلىقى، شېرىنلىكى،سۇ تەركىبىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرىلىقى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن داڭ چىقارغان ئۇيغۇر يەرلىك مىۋىسى بولسىمۇ ئەمما ئامېرىكىغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بازىرىغا كىرەلمىگەن ئىدى. يېقىندا كورلا نەشپۈتى ئامېرىكىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتۈپ رەسمى يوسۇندا ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىلگىرى كورلا نەشپۈتنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەسلىكىنىڭ ھەقىقى سەۋەبى نېمە؟ كورلا نەشپۈتنىڭ چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنىشى ئۇيغۇر باغۋەنلەرگە قانچىلىك نەپ ئېلىپ كەلدى؟
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى دېڭىز ئوكياندىن يىراق بولغاچقا ، ھۆل يېغىن مىقدارى ئاز قۇرۇقلۇق خاراكتېرى كۈچلۈك ھەمدە قۇياشنىڭ تىك چۈشۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ، كېچە كۈندۈزنىڭ كلىمات پەرقى چوڭ ، يېرى مۇنبەت بولغاچقا ھەرخىل مىيۋىلىرىنىڭ قەن تەركىبى باشقا ھەر قانداق جايدىن چىقىدىغان ئوخشاش مېۋىلەردىن ئالاھىدە يۇقىرى ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شېرىن مېۋىلىرى ئەزەلدىن داڭ چىقارغان. ئەمما سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك بۇ مېۋىلەرنىڭ خەلقارا بازارغا بۆسۈپ كىرىشى چەكلىك، ئىستىقبالى قاراڭغۇ بولۇپ كەلدى.
كورلا نەشپۈتى ئامېرىكىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتتى
كورلا نەشپۈتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى مەسىلىسىمۇ 13 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىنىشىغا توسالغۇ بولۇپ كەلگەن مەسىلە ئىدى. يېقىندا كورلا نەشپۈتى ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ ، ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىش يولىنى ئاشتى. -28بۇندىن كېيىن ھەپتىسىگە 100توننا كورلا نەشپۈتى ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىنىدۇ، نۆۋەتتە تۇنجى قېتىمدا 58 توننا نەشپۈت ئامېركابازىرىغا سېلىنماقچى.
ئۇيغۇرلارنىڭ باغۋەنچىلىك تارىخىدا كورلا نەشپۈتىنى يېتىشتۈرگىنىگە 1600يىللار بولدى، كورلا تەۋەسىدە ھازىر 23مىڭ 333گېكتار يەردە نەشپۈت بېغى بار بولۇپ، يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 120مىڭ توننىغا يېتىدۇ. نۆۋەتتە كورلا نەشپۈتى ئامېرىكىدىن باشقا يەنە ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ ئېكىسپورت قىلىنماقتا .
ئاتوم بومبا سىنىقىنىڭ تەسىرى
بەزى مۇتەخەسسىسلەر گەرچە كورلا نەشپۈتنىڭ پوستى نېپىز، شېرىن، پۇراقلىق، چۈرۈك، ئۇزاق ساقلىنىشچانلىققا ئىگە سورت بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ داۋاملىق خەلقارانىڭ ئېكىسپورت ئىمپورت سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى ،كورلىدا خىتاينىڭ ئاتوم بومبا سىناقلىرىنىڭ تەسىرىنىڭ ئېغىرلىقى شۇڭا تۇپراق مۇھىت سۇنىڭ رادىئاكسىيەلىنىشى بىلەن بۇ يەردىكى مېۋە-چىۋە ،ھايۋانات ھەتتا ئادەملەرنىڭمۇ زور تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىدىن دەپ كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما خىتاي دائىرىلىرى كورلا نەشپۈتى ھەمدە بۇ رايوندىن چىقىدىغان باشقا يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە توشماسلىقىدىكى ھەقىقىي سەۋەبنى يۇشۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 1964يىلىدىن بۇيان تەكلىماكاندا كۆپ قېتىم ئاتوم بومبا سىناقلىرىنى ئېلىپ باردى.
ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ -1993يىلىدىن بۇيان كورلا نەشپۈتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۈپەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كورلا نەشپۈتىدە كۆرۈلگەن قوڭۇر داغ چۈشۈش ھالىتى مۇھىت ھەمدە تۇپراقنىڭ مەلۇم رادىئاكتىۋ ئامىلىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك بولۇپ، نەشپۈتتە قوڭۇر داغ پەيدا بولغاندىن كېيىن تېز ئارىدا پۈتۈن نەشپوتنى قاپلاپ سۇ تەركىبىنى يوقۇتۇپ، بارلىق مېنىرال ماددىلىرىنى ئۆلتۈرىدىكەن.
يېقىنقى يىللاردا نەشپۈت يۇرتىدىكى دېھقانلار قايتا قايتا سۈپەت ياخشىلاپ ، يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، نەشپۈتلەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىغان. كېسەللىك ھەمدە باشقا زىيانلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىنىڭ ئازىيىشىدىمۇ ئۈنۈم قازانغان.
كورلا نەشپۈتى گەرچەئامېركىغا ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ پەقەت كورلا توپۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېكىسپورت قىلىنىدىكەن. يەرلىك دېھقانلار بولسا بۇ ئېكىسپورت كىرىمىنىڭ پەقەت 25%ىگىلا ئىگە بولالايدىكەن.
نۆۋەتتە كورلا ئالىي سۈپەتلىك نەشپۈتنىڭ ئەسلى ماكانى سايدۆڭ باغۋەنچىلىك يېزىسىدىكى دېھقانلار تازا ئوخشىغان نەشپۈتلىرىنى ئوراپ قاچىلاش مەشغۇلاتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بىز ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كىرىمىگە قانچىلىك پايدىلىق بولغانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلدۇق. يېزىدىكى بىر دېھقان قىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.