قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى روزا ھېيىت بايرىمىدا مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېروزە
2021.05.14
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى روزا ھېيىت بايرىمىدا مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىللىق روزا ھېيىت نارمىزىدىن يانماقتا
Photo: RFA

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان بىر مەملىكەت.  ئۇلار تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا تىرىشماقتا. 2020-يىلى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ يامراپ كېتىشى بىلەن روزا ۋە قۇربان ھېيىت نامازلىرى تور ۋە تېلېۋىزور ئارقىلىق ئوقۇلغانىدى.

 قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سانىقىدا 60 مىڭغا يېقىن دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى بېشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-شەھەرلەرگە ئولتۇرلاشقان. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاننىڭ جانۇبىدىكى ئوش ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر قىشلاق يېزىسىغا، جالال-ئاباد ۋىلايىتى ۋە ئېسىك ۋىلايىتىنىڭ قاراقول شەھىرىگە ئولتۇراقلاشقان.  ئۇلار قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە 13-ماي كۈنى روزا ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇغان ۋە ئۆز ئادەتلىرى بويىچە ئۆزئارا ھېيتلىشىپ، بىر-بىرىنى تەبرىكلىگەن.

ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇرلاشقان نوۋوپوكروۋكا يېزىسىنىڭ يىگىتبېشى غەيرەت جاھانوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل ياشلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى كۈچىيىپ روزا تۇتۇدىغانلارنىڭ ھەم مەسچىتلەردە تاراۋى نامىزىنى ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ قىرغىزىستاندا پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى باشقا ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا يارىتىپ بېرىلگەن دىنىي ئەركىنچىلىك سىياسىتى توغرىلىق توختالدى.

روزا ھېيت ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ بايراملىرىدىن بىرىدۇر. مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرىنى تەبرىكلەشتە ئۆزىگە خاس قائىدە-يوسۇن ۋە مىللىي ئەنئەنىلەرنى ياراتقان. روزا ھېيت بىر ئايلىق رامازاندىن كېيىن داستىخانلار سېلىنىدىغان، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىدىغان، شۇنداقلا قېرىنداشلاردەك بىر-بىرىنى باغرىغا بېسىپ ھېيتلىشىدىغان كۈندۇر.  قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن بۇ ئۇلۇغ كۈن ياش-ئوسمۈرلەرگە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنى مىللەتپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيەلەشتىكى يارقىن بىر پۇرسەتتۇر. چەت كۆل يېزىسىدىكى ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى غۇنچە خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، روزا ھېيت كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

غۇنچە خانىم يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر ۋەزىيەت قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈرەكلىرىنى قايغۇ ۋە غەمگە سالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مۇقەددەس بايرامدا كۆڭۈللىرى يېرىم ھالدا ھېيتلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرلاشقان نوۋوپوكروۋكا مەھەللىسىنىڭ مۇتىۋەللىسى مىرزەخمەت ھاجىم، بۇ يىل قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جامائەت بىلەن بىرلىكتە مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇپ، بىر-بىرسىنى باغرىغا بېسىپ تەبرىكلىشىپ، مازارلارنى زىيارەت قىلىپ، ھېيتلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن 2020-يىلى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن روزا ھېيتتا جامائەتنىڭ بىرلىكتە ھېيت نامىزىنى ئوقۇيالمىغانلىقىنى، ئەمما بۇ يىل جامائەت ئۆز ئارا دىدارلىشىپ، بىرلىكتە ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ جامائەتنى ئۇلۇغ روزى ھېيت بايرىمى بىلەن تەبرىكلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بىر ئاممىۋىي تەشكىلات قۇرۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، سەنئىتىنى، مەدەنىيىتىنى، شۇنداقلا تىلىنى ساقلاش ھەم راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇلار ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنى خاتىرلەش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى يىللىرى روزا ھېيىتلاردا مەسچىت ئالدىدا دۇتتار ۋە ناغرا چېلىپ، جامائەت ئۇسسۇل ئويناپ، خوشال-خۇرام ھالدا ھېيىت ئايەملەرنى تەبرىكلەشكەن ئىدى، لېكىن كېيىنكى يىللاردا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ پائالىيەتلەر بارغانسېرى سۇسلاپ كەتكەن ئىدى.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.