سەدىردىن: «ئايالىم لاگېردىن ھايات چىقىپتۇ، ئەمما ئۇ بىزنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.11.06
muyesser-muhemmet-ailisi.jpg مۇيەسسەر مۇھەممەت خانىم قازاقىستاندا ياشاۋاتقان مەزگىللىرى، ئېرى قازاقىستانلىق سەدىردىن ۋە بالىسى بىلەن. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Gülchéhre

قازاقىستانلىق سەدىردىن بىلەن ئاتۇشتا ئۆسۈپ چوڭ بولغان مۇيەسسەر مۇھەممەت مىسىردا ئوقۇش جەريانىدا تونۇشۇپ توي قىلغان ۋە قازاقىستاندا بەختلىك بىر ئائىلە قۇرغان. 2016-يىلى 9-ئايدا ئاتۇشتا دادىسىنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان مۇيەسسەر 3 بالىسىنى ئېرىگە قويۇپ، يۇرتىغا قايتقان. بۇ چاغدا ئۇ 4-پەرزەنتىگە ھامىلىدار ئىدى.

مۇيەسسەر ئاتۇشقا قايتقاندىن كېيىن لاگېرغا قامالغان. قازاقىستاندا تۇرۇپ ئايالىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان سەدىردىن بۇ نۆۋەت بىر تونۇشى ئارقىلىق مۇيەسسەرنىڭ لاگېردىن ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقى ۋە بىر فابرىكىدا ئىشلەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

سەدىردىن ئايالىنىڭ لاگېردىن چىققاندىن كېيىن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ چوڭقۇر ئازابلانغان. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئايالىم لاگېردىن چىقىپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېقىنقى سۈرەتلىرى بالىلىرىمنىڭ ئانىسىغا ھېچ ئوخشىمايدۇ. ئۇ خۇددى بىزنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك! . . . ،» دېدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.