رەيھانگۈل خانىم: خىتاينىڭ خەلقئاراغا «لاگېر ئوقۇغۇچىلىرى» دەپ كۆرسەتكەنلىرى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىملىرىدۇر

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.03.11
lager-yasalma-tiktak-top.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئورۇنلاشتۇرۇلغان» دىپلوماتىنىڭ زىيارىتى جەريانىدىكى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» دىكىلەرنىڭ تىكتاك توپ ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 4-يانۋار، قەشقەر.
REUTERS

ئۈرۈمچىدىن يېڭى چىققان ۋە نۆۋەتتە ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان رەيھانگۈل خانىم ۋەزىيەت ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى جايلاردا چەتئەللىك تەكشۈرگۈچىلەرگە ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە مەركىزى» دىكى ئوقۇغۇچىلار دەپ كۆرسەتكەن كىشىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە شۇ جايدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتمۇ خىتاينىڭ بىر قېتىم تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەندە ساختا سەھنە ھازىرلاش ئۈچۈن بىر لاگېر تۇتقۇنىنىڭ ئۆيىدىكى مۇراسىم كىيىمىنى ئەكەلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

3 ئاينىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىن ئامېرىكاغا چىققان رەيھانگۈل خانىم سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم شەخسىي كەچمىشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم ساختا ئىجرائاتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاشكارا چەكلەۋاتقان ۋە ھاياتىدىكى كىچىككىنە دىنىي تۈس ۋە مەزمۇن ئۈچۈنمۇ كىشىلەرنى ئېغىر جازالاۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خەلقئارا جامائەتچىلىككە كۆرسەتمىلىك ئۈچۈن ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان ۋە ئۇلارغىمۇ مەخسۇس مەسچىتكە كىرىش رۇخسەتنامىسى تارقىتىپ بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن بىر تۈركۈم خەلقئارا ئاخبارات ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن رايوندا ھەر خىل ساختا ئىجرائاتلارنى ئېلىپ بارغان. رەيھانگۈلنىڭ تونۇش-بىلىشلىرى ئارىسىدىكى ئۈرۈمچىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلاردىن ئاڭلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىر قېتىملىق خەلقئارالىق تەكشۈرۈش داۋامىدا يېزىدىكى ئاھالىلەرنى مەسچىتكە كىرىشكە بۇيرۇغان. ئەمما ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ناماز ئوقۇغانلىق سەۋەبلىك لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ۋە كېسىلگەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، مەسچىتكە بېرىشنى رەت قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى ئاقتاشلىق كىتابىدا ئۆتكەن بىر يىلدا خەلقئارادىن 50 نەچچە گۇرۇپپىدا 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى. رەيھانگۈل خانىمنىڭ دېيىشىچە، لاگېردىكىلەرنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە جىسمانىي ھالىتى لاگېرنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە ئېچىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى بەزى لاگېرلاردا چەتئەللىكلەرگە لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى ئەمەس، بەلكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرىدىكى كادىرلارنى كۆرسەتكەن.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئىلگىرىكى بىر ئىنكاسىدا نۆۋەتتە بەزى جايلاردا دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان لاگېرلار بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان لاگېرنىڭ ئايرىم ئىكەنلىكى ۋە شارائىتىدا ئازراق پەرق بارلىقى، ئادەتتە تەكشۈرگۈچىلەر كەلسە شارائىتى بەك ئېچىنىشلىق بولمىغان، شۇ كادىرلار تۇرۇۋاتقان لاگېرلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى لاگېردىن چىققان شاھىت زۇمرەت داۋۇت يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلدى. ئۇ پاكىت سۈپىتىدە ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىنىڭ بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ئۇنىڭ لاگېردىكى بىر دوستىنىڭ مۇراسىم كىيىمىنى، يەنى ئەتلەس كۆڭلەك، دوپپا ۋە ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىنى ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ دوستىنىڭ روھىي كەيپىياتى شۇ كۈنلەردە ياخشى بولماي قالغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر ئۇنى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقىشتىن ۋاز كەچكەن ۋە كىيىمىنىمۇ ئۆيگە قايتۇرۇۋەتكەن.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بىر ساقچى خادىمى يەركەندە 7 لاگېر بارلىقى، بۇنىڭ بىرىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ئايرىلغانلىقىنى پاش قىلغان. يەنە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى تەكشۈرگۈچىلەر كېلىشتىن ئاۋۋال ئاھالىلەرنىڭ يالغان گەپ قىلىشقا ئۈندەلگەنلىكى ۋە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

بىز رەيھانگۈل بىلەن سۆھبىتىمىز داۋامىدا بۇ تۈر ئىجرائاتلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە سوئال سورىدۇق. ئۇ بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ قۇلاق يوپۇرۇۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ بولسا بۇ ۋەزىيەتتىن خاتىرجەملىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.